
Meshrep nawasi
بۈگۈن بىزگە قۇتلۇق كۈن
تەشنا بولۇپ كۈتكەن كۈن
مۇبارەك
راسلاپ سورۇن ساھىپخان
ھەر ياقتىن كېلىپ مېھمان
تىلەك تىلەپ
خولۇم خوشنا قېرىنداش
ئۇرۇق تۇغقان كەسىپداش
دوست ئاداش
كەلدى بەس بەستە يېتىپ
ئوتلۇق سالاملار ئېيتىپ
ئالدىراش
مەرھابا مېھمان كەپسىز خويمۇ ئوبدان
بۈگۈن دىدار غەنىمەت
يۈز كۆرۈشكەن كۈندە بولسۇن ھەمراھ بىزگە
كۈلكە شاتلىق ۋە ئامەت
نەغمە ناۋا باشلاپ غۇلاچلار تاشلاپ
چۈشۈڭ ئۇسۇل ساماغا
[01:19.8]تازا ئويناڭ بىر پەس دەسسەپ مەزمۇت چەبدەس
[01:22.1] قىلايلى بەزمە راسا
كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
مەشرەپ سەيناسى
بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى
[01:36.2]كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
مەشرەپ سەيناسى
بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى
[01:48.2]
ھەر ياقتا ياڭرار كۈلكە
خۇشاللىق قىلار جىلۋە سالغىن نەزەر
مەشرەپ بىزگە بىر مەكتەپ
ئۆگىتىدۇ ئەدەپ ئەخلاق دىللار كۈلەر
مەشرەپ ئۇ بىر چوڭ سەينا
تەلىم بېرەر ساڭا ماڭا بارچىگە
ئۆگىتەر بىزگە پەزىلەت
ئۇندىن تاپىمىز ئىززەت ئالەمچە
مەرھابا مېھمان كەپسىز خويمۇ ئوبدان
بۈگۈن دىدار غەنىمەت
يۈز كۆرۈشكەن كۈندە بولسۇن ھەمراھ بىزگە
كۈلكە شاتلىق ۋە ئامەت
نەغمە ناۋا باشلاپ غۇلاچلار تاشلاپ
چۈشۈڭ ئۇسۇل ساماغا
تازا ئويناڭ بىر پەس دەسسەپ مەزمۇت چەبدەس
قىلايلى بەزمە راسا
كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
مەشرەپ سەيناسى
[03:15.0] بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى
كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
مەشرەپ سەيناسى
[03:26.9] بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
[03:29.3] نەغمە ناۋاسى
[03:32.2]كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
مەشرەپ سەيناسى
بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى
كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
[03:46.4]مەشرەپ سەيناسى
بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى