
Xayar Sanimi2(沙雅赛乃姆2)
作词 : Rozi Lohman
作曲 : Rozi Lohman
编曲 : Abdurusul Obul
يارنىڭ كۇيىدا يۈرمەك بەختتۇر ماڭا
يار ئىشقىدا خاراپ بولماق ھالاۋەتتۇر ماڭا
ۋاي ۋاي يوق دەرت ئەلەم
مانا ئويناڭ شايار سەنەم
دىلدا ئارمان قالمىغاي دەردۇ ئەلەم داغەي
بىللە مەشرەپ ئوينايلى ئاي يۈزلۈك سەنەم
مۇزىكا
يارسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنىڭ قانچە بولغاي لەززىتى
ھالىم خاراپ ، باغرىم كاۋاپ ، ئۆتتى بۇ كۈنلەرىم يانا
يارنىڭ ئىشقى ئوتى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى مېنى
ۋاي ۋاي يوق دەرت ئەلەم
مانا ئويناڭ شايار سەنەم
دىلدا ئارمان قالمىغاي دەردۇ ئەلەم داغەي
بىللە مەشرەپ ئوينايلى ئاي يۈزلۈك سەنەم
مۇزىكا
ئالتاي بولدى بارالمىدىم يۇرتۇم تارىمغا
نىمە قىلسام بولار ئىكەن بۇيى تالىمغا
ھەجەپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى شىرىن جانىمغا
يۈرۈگۈمنى ئېلىپ باراي گۈل جامالىغا
مۇزىكا
يانتاقشەنىڭ يوللارىدا ماڭدىم پىيادە
پو توغراقتا بىر يارىم بار گۈلدىن زىيادە
قانداق قىلاي تەقدىر بىزگە بەرسە ئىرادە
مىھنەت قىلماي يارغا يەتمەك بار قانداق يەردە
مۇزىكا
ۋاي باراي دىسەم كەلمەڭ دەيدۇ
ۋاي ۋاي مەيلىم ئۆزەمنىڭ
ۋاي ئۇرغان بىلەن سەكسەن قامچا
ۋاي ۋاي يارىم ئۆزەمنىڭ
كەچ بولدى كەچ بولدى ئۇزۇن بولدى
ئا ۋاي بولدى يەي ئايارەي
يارىمغا ئا يارىمغا ئۇۋال بولدى
ئا ۋاي بولدى يەي ئايارەي
مۇزىكا
يارسىز ئۆتكەن ئۆمۇر مىڭ ياشىسام بىر كۈنچە يوق
ئىشق ئوتىنىڭ ئالدىدا ئاتەش ئوتى ئۇچقۇنچە يوق
يار بىلەن ئوينايمە دەپ
سۇندى مىنىڭ نازۇك قولۇم
يارىمنىڭ ياغلىقىدا
تاڭسام ساقايغايمۇ قولۇم
مۇزىكا
يارسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنىڭ
پايدىسى بولمايدىكەن
ئىشق ئوتى تەككەن يۈرەكنىڭ
دورىسى بولمايدىكەن
يار بىلەن ئوينايمە دەپ
سۇندى مىنىڭ نازۇك قولۇم
يارىمنىڭ ياغلىقىدا
تاڭسام ساقايغايمۇ قولۇم
تەرجىمان:ئابلەت ئابدۇرېھىم
تۈگىدى