
Kaqurwitingalr原谅我
作词 : anwar yasin sarwaz
作曲 : Yasinjan_Ablimit 亚森江·阿卜力米提
编曲 : Yasinjan_Ablimit 亚森江·阿卜力米提
قىلغان بولسام ئەگەر ياخشىلىق
ئۇنتۇلۇڭلار ئۇنتۇپ كىتىڭلار
ئۆتكەن بولسام مەندىن سەۋەنلىك
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋېتىڭلار.
قىلغان بولسام ئەگەر ياخشىلىق
ئۇنتۇلۇڭلار ئۇنتۇپ كىتىڭلار
ئۆتكەن بولسام مەندىن سەۋەنلىك
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋېتىڭلار.
سىلەر بىلەن تەڭ ماڭالمىسام
چاقىرساڭلار مەن بارالمىسام
كۆڭلۈڭلەرنى يا ئالالمىسەم
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋېتىڭلار.
يۈز تاپتىڭلار سىلەر مەندىن بەك
دەردىڭلار كۆپ ئەمەسكەن مەندەك.
يول تاپقۇچە بىر كۈن سىلەردەك.
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋىتىڭلار.
muzika
يۈرگەن ئىدىم دوستۇم دەپ ساناپ.
رەنجىتمەي دەپ كۆڭلۈڭلار ئاياپ.
بولالمىدىم سىلەرگە ياراپ.
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋېتىڭلار.
يۈرگەن ئىدىم دوستۇم دەپ ساناپ.
رەنجىتمەي دەپ كۆڭلۈڭلار ئاياپ.
بولالمىدىم سىلەرگە ياراپ.
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋېتىڭلار.
سىلەردەك يول تاپارمەن بىر كۈن.
سىلەردەك پۇل تاپارمەن بىر كۈن.
ئىزدەپ شۇ چاغدا بارارمەن بىر كۈن
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋېتىڭلار.
كىمگە ئاسان ئەمەس بۇ تۇرمۇش
تۇرمۇش غېمى قويمايدىكەن بوش.
كەتكەنلەرگە مەنمۇ دەيمەن، خوش.
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋىتىڭلار
كىمگە ئاسان ئەمەس بۇ تۇرمۇش
تۇرمۇش غېمى قويمايدىكەن بوش.
كەتكەنلەرگە مەنمۇ دەيمەن، خوش.
كەچۈرۈڭلار كەچۈرۋىتىڭلار