
Usulluk Kuylar
作词 : Raziya-Yasin
作曲 : Raziya-Yasin
سۆزى مۇزىكىسى :خەلىقنىڭ
ئاكۇرتلاشتۇرغۇچى :مۇساجان خىلىل
دۇتار چېلىپ ئولتۇرسام يارىم كەلدى يانىمگە .
شېرىن سۆزىنى قىلىپ ئوت سالدى بۇ جانىمگە .
ئە ھە ھەي ئە ھە ھەي ئادا بولدۇم ھەي .
كۈيلەر چېلىپ بېلەگىم ، بىردەم ئارام ئالسۇن ، ھەي .
يارىمنىڭ ۋىسالىنى كۆرۈپ دىلىم قانسۇن ھەي .
ئە ھە ھەي ئادا بولدۇم ھەي
قېشىنىڭ قارالىقى كۆزىنىڭ خۇمارلىقى .
جانغا جاپا قىلىدۇ يارىمنىڭ بالالىقى .
ئە ھە ھەي ئە ھە ھەي ئادا بولدۇم ھەي.
قىزىل گۈلگە ئاشىق بولۇپ بۇلبۇل سايرايدۇ .
نەچچە ياشقا كىردىڭىز دەپ ئۇلار سورايدۇ .
سۆزلەرگە قۇلاق سالسام مېڭىشىغا قاراپ باقسام.
سۆزلەرگە قۇلاق سالسام ئوينىشىگە قاراپ باقسام .
بەك شوخ ئوخشايدۇ
سۆيىمەن سىزنى كۆيدۈرمەڭ بىزنى .
كۆڭۈل رىشتىم سىزدە بولغاچ دائىم ئەسلەيمەن .
ۋاپاسىزلىق قىلسىڭىز ئەگەر يارىم دېمەسمەن .
راست گېپىم شۇ ئاڭلىۋېلىڭ كۆڭلىڭىزدە ساقلىۋېلىڭ .
ئىختىيار سىزدە ئامەت بار بىزدە .
سۆيىمەن سىزنى كۆيدۈرمەڭ بىزنى .
ئاتۇشنىڭ يولى يامان توشۇيدۇ ئوتۇن سامان .
ۋاي نادان بالىلار بىلمەيدۇ ھەممىدىن كۆيۈك يامان .
ئا ، ھەيرانە ھەيرانە ، ئا ، سىياقىڭ قىلدى ۋەيرانە .
بىر باغقا ئانار قويدۇم . بىرسىگە يالاڭ توغاچ .
بىۋاپانى ئۇنۇتتۇم . كۆڭلۈمدىكى يار بولغاچ .
ئا ، ھەيرانە ھەيرانە ، ئا ، سىياقىڭ قىلدى ۋەيرانە .