
00:00
00:00
Qiraylik / 漂亮
歌词
相关信息
作词 : ozhal
作曲 : ozhal
编曲 : ozhal
چىرايلىق
كۈننىڭ ئاپتاپ يۈزىدە جامالىڭىز چىرايلىق،
تۈننىڭ تولۇن كۆزىدە ھىلالىڭىز چىرايلىق.
كىمگە ئايان بولغۇسى مېنىڭ تەھتىسارايىم،
يەردىن يىراق ئەرشىڭىز-قارالىڭىز چىرايلىق.
ئاسمان-پەلەك ئۆرلىدى يۈرەكتىكى ئوتىڭىز،
ئاشىقلىقنىڭ شەرھىگە مىسالىڭىز چىرايلىق.
دەريالىرىم مۆلدۈرلەپ قەترىڭىزگە چاڭقىدى،
لېۋىڭىزنىڭ چەشمىسى-زىلالىڭىز چىرايلىق.
چۆللىرىمنىڭ كۆزلىرى بارخان-بارخان قاغجىراق،
چىمەنلەردە ئاق ئەترە خىيالىڭىز چىرايلىق.
ئۇچۇپ كەتكەن غايىبتىن توقۇلىدۇ مۇھەببەت،
چۆچەكلىرىم ئەگىگەن نىھالىڭىز چىرايلىق.
چىداپ تۇرۇپ ئۆزۈمگە پىچىرلايمەن ئازابلىق:
ھىجرانىڭىز سۆيۈملۈك، ۋىسالىڭىز چىرايلىق!