Mominjan Ablikim歌曲封面
00:00
04:34
🔊

Soygum Sighmidi

专辑
2011年个人演唱会专辑
发行日期
2011-09-09
流派
暂无
时长
04:34
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作曲 : Ablet Ablikim阿布来提阿布力克木

سۆيگۈم سىغمىدى

مۆمىنجان ئابلىكىم

مۇھەممەد مەسئۇد ھەبىبى شېئىرى

ئابلەت ئابلىكىم مۇزىكىسى

ناخشا تېكىستىنى تەھرىرى: ئالىمجان

دەردىمنى تۆكسەم بۇلۇت يىغلىدى

چاقماق زەربىدە كۆكنى تىلغىدى

دەردىمنى ئېيتسام بۇلۇت يىغلىدى

چاقماق زەربىدە كۆكنى تىلغىدى

نېتەي جانان، نېتەي ئەي جاھان

ئالەم كەڭ بىراق سۆيگۈم سىغمىدى

كۆرمەي يۈزىنى مەستۇ-مەستانە

بولدى ياتارىم رەستۇ-رەستانە

بولدى ياتارىم رەستۇ-ئاستانە

دىدى ئىشقىمنى ئەپسۇن-ئەپسانە

بەدناملار ئارا يۈزۈم سىغمىدى

(مۇزىكا)

ئەلەملىرىمگە رەڭداش كۈز پەسلى

باھاردىن يىراق نىگارنىڭ ۋەسلى

سەپەر رەڭگارەڭ، مەنزىل بىر ئەسلى

نېتەي يوللارغا ئىزىم سىغمىدى

سەپەر رەڭگارەڭ، مەنزىل بىر ئەسلىت

نېتەي يوللارغا ئىزىم سىغمىدى

ئىشق دەپ بېرەي، بەرسەم مەن گەر جان

رازى بولسا بەس سۆيگۈمدىن جانان

رازى بولسا بەس سۆيگۈمدىن جانان

غەيۋەتلەر بىلەن قالسۇن تار جاھان

كىتەي ئەمدى مەن، ئىسمىم سىغمىدى

(ئا……)

سۆيگۈم سىغمىدى

سۆزۈم سىغمىدى

كىتەي ئەمدى مەن

ئىسمىم سىغمىدى

ئىسمىم سىغمىدى

(ناخشا تېكىسىتى تەھرىرى: ئالىمجان )

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。