
Xoh Usulluk Qatma Nahxilar
作词 : Yusanjan Yasin
作曲 : Yusanjan Yasin
编曲 : KaYsaRTohtimat
歌词编辑:热夏提·居麦
دۇتتار ئالسام قولۇمغا ئوينار ئون بەش پەدىگە، ,
ئون بەش پەدىنىڭ سېھرى ، يەتتە جاھان ئەھلىگە .
دۇتتار ئالسام قولۇمغا ئوينار ئون بەش پەدىگە،,
ئون بەش پەدىنىڭ سېھرى ، يەتتە جاھان ئەھلىگە .
بىر ، ئىككى ، ئۈچ ، تۆت پەدە دۇدۇرۇم ئون بەش پەدە . ,
ئايرىلمايمىز يار بىلەن قىلغان ۋەدىمىز ۋەدە .
بىر ، ئىككىم ، ئۈچ ، تۆت پەدە دۇدۇرۇم ئون بەش پەدە
ئايرىلمايمىز يار بىلەن قىلغان ۋەدىمىز ۋەدە,
مۇز داۋانغا قارىسام خۇشبۇي پۇراق ئىدى كېلىدۇ .
بوغما كۆينەكنى كىيىپ گۈزەل جۇۋان قىز كېلىدۇ .
كەل ، جۇۋان ئالغىن جېنىمنى جېنىمغا دەرمان بۇ يۈرەك .
ئىشقىڭدا مەن ئاجىز بىمارمەن داۋاسى يوق سەندىن بۆلەك .
كەل ، جۇۋان ئالغىن جېنىمنى جېنىمغا دەرمان بۇ يۈرەك .
ئىشقىڭدا مەن ئاجىز بىمارمەن داۋاسى يوق سەندىن بۆلەك .
مەن ئۆزۈم خوتەندىن تۈنۈگۈن كەلگەن .
كەلگۈچە بىر خېنىم ماڭا باغاقنى بەرگەن .
مەن ئۆزۈم خوتەندىن تۈنۈگۈن كەلگەن .
كەلگۈچە بىر خېنىم ماڭا باغاقنى بەرگەن .
باغاقنى بەرسە ، دۇتارچى كەلسە ,
باغاقنى بەرسە ، دۇتارچى كەلسە ,
چوكانلار ئاشىق شوخلاپ چېلىپ بەرسە ,
مەن ئۆزۈم خۇمار چوكانغا جۇمۇ .
مەن ئۆزۈم خۇمار چوكانغا جۇمۇ .
بۈگۈردىن كەلگەن قوشاقچى جۇمۇ .
بۈگۈردىن كەلگەن قوشاقچى جۇمۇ .
ئۇز خېنىم ئۇز ئىكەن ، گەپلىرى ئۇز ئىكەن .
مەن كۆيگەن خېنىم شۇ قارا كۆز ئىكەن .
ئۇخلاپ قاپتىمەن ئوڭدا خېنىم كۆتەك يارىمەن تۇڭدا .
ئۇخلاپ قاپتىمەن ئوڭدا خېنىم كۆتەك يارىمەن تۇڭدا .
سىز خېنىمنىڭ دەردىدە ئومىقىم دەسمىي قالمىدى قولىدا,
ئايىغىمنى مايلاپ ئىشتىنىمنى قىرلاپ چاچلىرىمنى تاراپ . يەر كەينىدىن ماراپ يارنىڭ ئۆيىگە بارسام تۈنۈگۈن ئەتە كېلىپ بېقىڭ دەيدۇ ,
يارنىڭ ئۆيىگە بارسام تۈنۈگۈن ئەتە كېلىپ بېقىڭ دەيدۇ .
جۈپتەكمىدۇق پاقلانغىلى قوناقمىدۇق ئاقلىغىلى .
قوناقمىدۇق ئاقلىغىلى .
ئاق ۋەدىمىز شۇنداقمىدى بىلمەي تۇرۇپ ئايرىلغىلى .
ۋېي ، ۋەدىمىز شۇنداقمىدى ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغىلى .
قانداق قىلاي ، قانداق چىداي ئىشقىڭدا ، مەن راۋاپ چالاي .
ئىشقىڭدا مەن راۋاپ چالاي .
ئاچىلىپ ئوينايلى ساجىلىپ ئوينايلى .
ئاچىلىپ ئوينايلى خېنىم ساجىلىپ ئوينايلى .
ئايدا يىلدا جەم بولغاندا ، ئاچىلىق ئوينايلى .
ئايدا يىلدا جەم بولغاندا ئېچىلىپ ئوينايلى .
كاككۇك قوندى تېرەككە كۆڭۈل بەرمەڭ بىلەككە .
كاككۇك قوندى تېرەككە كۆڭۈل بەرمەڭ بىلەككە .
ئىچىمدىكى دەردىمنى ئېتەلمىدىم بۆلەككە .
ۋاي قاغىلار جان قاغىلار داۋاندىن ئاشقان قاغىلار ,
داۋاندىن ئاشقان قاغىلار .
ۋاي ، بۇ داۋان ئېگىز داۋان .
داۋان ئۈستىدە تەنھا بىر جۇۋان .
داۋان ئۈستىدە تەنھا بىر جۇۋان .
ئېچىلماي قويدۇق سا ئېچىلماي قويدۇق .
دوستۇڭ ياڭسۇڭ ئىكەن ، تاشلىشى بار قويدۇق .
دوستۇڭ ياڭسۇڭ ئىكەن ، تاشلىشى بار قويدۇق .
ئاچىلىپ ئوينايتتۇق ساجىلىپ ئوينايتتۇق .
بۈگۈنكىدەك سورۇندا ئاچىلىپ ئوينايتتۇق .
دۇتار پەدىسى پەدە باش پەدە يامان يەردە .
دۇتار پەدىسى پەدە باش پەدە يامان يەردە .
ئوينىغىلى قويمامسەن كۆڭلۈم خالىغان يەردە .
ئوينىغىلى قويمامسەن كۆڭلۈم خالىغان يەردە .
ۋايجان ، ۋايجان ، كۆڭلۈم خالىغان يەردە ,
دۈشەنبە بازارنىڭ ، سەيشەنبە بازارنىڭ ، چارشەنبە بازارنىڭ ، پەيشەنبە بازارنىڭ . جۈمە بازارنىڭ شەنبە بازارنىڭ نەرقى بولسا يەكشەنبە بازارنىڭ يوقمىكەن .
شوخ ، شوخ . يەكشەنبە بازارنىڭ يوقمىكەن .
ماۋۇ ئاداشنىڭ ياڭزىسى بولسا باشقىلارنىڭ يوقمىكەن .
ئاۋۇ ئاداشنىڭ ياڭزىسى بولسا قوشاقچىنىڭ يوقمىكەن .
ۋايجان ، ۋايجان ! دۇتارچىنىڭ يوقمىكەن ,
ھېكىم ئاق تام بىلەن ئاق دۆڭگە چىقىپ تەخەي باق . ئالدىڭغا باق .
كەينىمگە باق .
ئوتتۇز ئالتە قوي ئېلىپ يەكەن يولدا بار .
غوجا ئابدۇۋاق ۋاق غوجا ئابدۇرۋاق .
بىر شېخىدا گۈلى بار ، بىر شېخىدا قاق .
غوجا ئابدۇراۋاق ۋاق غوجا ئابدۇراۋاق .
قىچىشقاققا پايدا قىلىدۇ گۈلى بىلەن قاق .
داپەنجى خۇلاياڭتى . ياڭزا سۈي . سۇڭ باۋ رۇڭ . خوڭشاۋ رۇ چىڭسەي رو . موگۇ بىن، خوگو بىن .
تۇردىخان ئاچام ئېتىپ بەرسە يەمسەن ياق . ئىچەمسەن ياق ، چېكەمسەن ياق . مۇشۇنداق پەدىنى چاغاندا راس ئويلاپ ، راس شوخلاپ . كېلەمسەن يا . نەدە بار مۇشۇ يەردە بار . شوخلاپ ئويناپ كەتكۈسى بار . ,
ئوجون ئوجون شوخلاپ ئويلاپ كەتكۈسى بار .
ئوجون ئوجون شوخلاپ ئويناپ كەتكۈسى بار 。