
Muhabbat(1)吉他版
作词 : Mamatjan abay
作曲 : Mamatjan abay
编曲 : Mamatjan abay/HaLkim-Nahxilliri
سۆيگۈم بولسۇن ئۆزرايىم بىلەن
دىلىم كۆيسۇن دىلرايىم بىلەن
سىنى سۆيەي ئۆز مەيلىم بىلەن
ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن
سېنى سۆيەي ئۆز مەيلىم بىلەن
ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن
مۇھاببەت دان ئەمەس ھەر يان چاچقۇلى
مۇھاببەت پال ئەمەس يولدا ئاچقۇلى
گويا بىر ئۇيۇن ئەمەس ھە دەپ قويغۇلى
مۇھاببەت مال ئەمەس پۇلغا ساتقۇلى
تىلەگىم شۇ بولسۇن ئۈتەي بىرى بىلەن
ياشلىقىم ئۆمىسۇن قارا دىل بىلەن
قويمىغىن بىر ئۆمۈربۇ ئارمان بىلەن
تىلەيمەن ياشاشنى ياخشى يار بىلەن
قىسمىتىم ساقلىغىن يامان سۆزلەردىن
ساقلىغىن بەت نىيەت يامان كۆزلەردىن
يىراقلات سۈيقەستلىك يات نەزەرلەردىن
ھەرۋاقىت تۇرىمەن بۇ دۇئا بىلەن
سۆيگۈم بولسۇن ئۆزرايىم بىلەن
دىلىم كۆيسۇن دىلرايىم بىلەن
سېنى سۆيەي ئۆز مەيلىم بىلەن
ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن
سېنى سۆيەي ئۆز مەيلىم بىلەن
ھەرگىزمۇ بولمىسۇن بۇ مەجبۇر بىلەن
بىر مەجبۇر بىلەن
بۇ مەجبۇر بىلەن....