
00:00
00:00
Koqa Nahxisi
歌词
相关信息
作词 : Tursun Xayih
作曲 : Tursun Xayih/Arafat
编曲 : Arafat
نەنجەن سۈيىنىڭ ئالدىدا توختاپ قاپتۇ پاپىدا .
ياندىن بېرىپ سىيرىۋېتەيمۇ ئانا ئانا.
ھايات يولى ئۇزاقكەن ، سۆيگۈ بىزگە تۇزاقكەن .
ئەمدى بۇنى قانداق قىلىمەن ئانا ئانا .
چىمەن تاغنىڭ بېشىغا نېمىلەر يازدۇق تېشىغا .
نېمىلەر كېلىپ نېمىلەر كېتىدۇ ئانا ئانا .
ھەركىملەرنىڭ ئىشىغا ئانا جانىم قايغۇرما .
قايغۇرساڭمۇ ھەي دەپ قالىسەن ئانا ئانا .
ئاق چەينەكتە چاي ، شېكەر ، قايماق ، ماي .
يۈرۈكۈمگە داۋا بولدى ، ئانا ئانا .
مەن بىر ئۆزۈم بالا ، يۈرگەن يولۇم تالا .
تالادا يۈرۈپ تەنھا قالدىم مانا مانا .
يانچۇقۇمدا پۇلۇم يوق ، قىلاي دېسەم ئىشىم يوق
كوچىلاردا لۈكچەك بولدۇم مانا مانا .
مەن بىر ئۆزۈم بالا ، يۈرگەن يولۇم تالا .
تالادا يۈرۈپ تەنھا قالدىم مانا مانا .