ozhal歌曲封面
00:00
03:23
🔊

yoktur-不在

专辑
yoktur-不在
发行日期
2025-03-01
流派
暂无
时长
03:23
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : arkin obulkasim

作曲 : ozhal

编曲 : ozhal

作曲 : Rahmanjan Awut Ozhal

يوقتۇر

ناخشىدا:راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

شېئىرى:ئەركىن ئوبۇلقاسىم(زەركار)

مۇزىكىسى:راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

دۇتتاردا:راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

بىرىدە بىھېساپ دۇنيا ئىزىدىن ۋارىسى يوقتۇر

بىرىنى باستى قىز پەرزەنت،ئوغۇلغا چارىسى يوقتۇر

بىرىنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس،ساراي سالقىن،تۆشەك يۇمشاق

بىرى سۈت ئۇيقۇدا ئەسنەر،تېگىدە بورىسى يوقتۇر

بىرى پەرھىزدە گۆش-مايدىن كۆنەلمەي كۈندە كۆكتاتقا

بىرىنىڭ بىجىرىم بەستى غاجارغا غورىسى يوقتۇر

بىرى زارلايدۇ ھال ئېيتىپ،ئېرى بەتخەج،خوتۇن پىخسىق

بىرىنىڭ سۇنغۇدەك چاينى،قېشىدا جۆرىسى يوقتۇر

بىرى ھال ئېيتىدۇ يازنىڭ تونۇردەك تەپتىدىن قاقشاپ

بىرى تىترەيدۇ جۇت پەسلى،بۆلەك بىر نالىسى يوقتۇر

بىرىگە ئۆتمىگەي قەدرى ھاياتنىڭ ،باقمىغاچ ئاغرىپ

بىرىنىڭ ئارمىنى ساقلىق،شىپاغا دورىسى يوقتۇر

ئەزەلدىن كۆرمىگەن ئالەم مۇراد-مەخسەتكە يەتكەننى

جاھان سەيناسىنىڭ كەمسىز ياسالغان ھويلىسسى يوقتۇر

ئەزىز بىلگىن ئېرىشكەننى،كېيىن قوغلاپ يېتەلمەيسەن

ئۆمۈرنى سۈزگىلى سەندە ھاياتنىڭ چويلىسى يوقتۇر

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。