
Hayat bu
作词 : Yusanjan Yasin
作曲 : Yusanjan Yasin
编曲 : Yusanjan Yasin
ھايات بۇ
سوزى ھۈسەنجان ياسىن
مۇزىكىسى ھۈسەنجان ياسىن
بارماي دېگەن تۈگمەنگە نەچچە؟
ماڭدۇرىۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە نەچچە؟
ماڭدۇرىۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
ياشاي دېگەن سۆزگە مىڭ قېتىم.
قاندۇرۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
ياشاي دېگەن سۆزگە مىڭ قېتىم.
قاندۇرۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
ياشلىقىمنى كالېندارىدىن.
ئۆچۈرۈۋەتكەن، شۇنداق ھايات بۇ.
ياشلىقىمنى كالېندارىدىن.
ئۆچۈرۈۋەتكەن، شۇنداق ھايات بۇ.
قارا، چاچنى ئاقلارغا بوياپ.
چۈشۈرۈۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
قارا، چاچنى ئاقلارغا بوياپ.
چۈشۈرۈۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
يوقسۇزلۇقنىڭ كۆۋرۈكلىرىدىن.
ماڭدۇرىۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
يوقسۇزلۇقنىڭ كۆۋرۈكلىرىدىن.
ماڭدۇرۇۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
تالاي يېقىن تۇغقاندىن دوستىن
تاندۇرۋەتكەن شۇنداق ھايات بۇ.
تالاي يېقىن تۇغقاندىن دوستىن
تاندۇرۋەتكەن، شۇنداق ھايات بۇ.
تاشتىن قاتتىق يوقسۇزلۇق كۈنلەر.
بىزنى غەمگە چاتقان ھايات بۇ.
تاشتىن قاتتىق يوقسۇزلۇق كۈنلەر.
بىزنى غەمگە چاتقان ھايات بۇ.
يەلكىمىزگە ئارتىپ، تالاي يۈك.
ھارۋىسىغا قاتقان ھايات بۇ.
يەلكىمىزگە ئارتىپ، تالاي يۈك.
ھارۋىسىغا قاتقان ھايات بۇ.
يەلكىمىزگە ئارتىپ، تالاي يۈك.
ھارۋىسىغا قاتقان ھايات بۇ.
يامان شېرىن تاتلىق ھايات بۇ.