kilassik歌曲封面
00:00
10:38
🔊

taklimakan maxripi qatmilar (1)

专辑
taklimakan maxripi (塔克拉玛干麦西来甫)
发行日期
2021-11-01
流派
暂无
时长
10:38
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

قەشقەرنىڭ قىزى ئوڭلۇق

يۈرىكى قىزىل چوغلۇق

قەشقەرنىڭ قىزى ئوڭلۇق

يۈرىكى قىزىل چوغلۇق

بەسلىشىپ تىكىپ چىققان

دوپپىسى بادام گۈللۈك

دوپپىڭىزغا گۈل قويدۇم

مېھنەتكە كۆڭۈل قويدۇم

دوپپىڭىزغا گۈل قويدۇم

مېھنەتكە كۆڭۈل قويدۇم

قايناق ئەمگەك قوينىدا

ئىشچانلىققا قول قويدۇم

لاڭرۇ بويى پەيزاۋات

شېكەر سۈيى قەن ناۋات

لاڭرۇ بويى پەيزاۋات

شېكەر سۈيى قەن ناۋات

يارىم بىلەن بىر بولساق

چۆلنى قىلىمىز ئاۋات

يارىم بىلەن بىر بولساق

چۆلنى قىلىمىز ئاۋات

ئەتتىگەندە كۆلچەكتە

مۇز توڭلاپتۇ ئەينەكتەك

ئەتتىگەندە كۆلچەكتە

مۇز توڭلاپتۇ ئەينەكتەك

قاچانغىچە يۈرەرمىز

كاككۇك بىلەن زەينەپتەك

قاچانغىچە يۈرەرمىز

كاككۇك بىلەن زەينەپتەك

ئاقىدۇ دەريالىرى، سۇلىرى سۈزۈك

باغلىرىدا تاماششا ئويناڭ تۈزۈك

ئاقىدۇ دەريالىرى، سۇلىرى سۈزۈك

باغلىرىدا تاماششا ئويناڭ تۈزۈك

شايى كۆينەكىم بولسا

شامال چىققاندا كەيسەم مەن

شايى كۆينەكىم بولسا

شامال چىققاندا كەيسەم مەن

كۆڭلۈمدىكى يارىم بولسا

تېپىشقاندا سۆيسەم مەن

كۆڭلۈمدىكى يارىم بولسا

تېپىشقاندا سۆيسەم مەن

قەرلىغاچلار ئۇۋلاپتۇ

پېشايۋاندا پەرمۇلدا

قەرلىغاچلار ئۇۋلاپتۇ

پېشايۋاندا پەرمۇلدا

قاچانغىچە يۈرەرمىز

كۆيەك ئوتى، ئارماندا

قاچانغىچە يۈرەرمىز

كۆيەك ئوتى، ئارماندا

ئاقىدۇ دەريالىرى، سۇلىرى سۈزۈك

باغلىرىدا تاماششا ئويناڭ تۈزۈك

ئاقىدۇ دەريالىرى، سۇلىرى سۈزۈك

باغلىرىدا تاماششا ئويناڭ تۈزۈك

تاشلاشقان تاشلاشمىغان

تاشلىشىپ چىداشمىغان

نەچچە يىل بىرگە يۈرۈپ

قانغۇدەك مۇڭداشمىغان

ئا...ھەردائىم كۆزۈم سەندە

قەمبەرنىسايىم دەپمىدىلە

مەرەمنىسايىم دەپمىدىلە

كۆيۈپ قالدىم دەپ قويسام

بىر قاراپ قوياپمىدىلە

ئو...كەل ئوينايلى باغلاردا

بۇ كۆڭۈللۈك چاغلاردا

يامغۇرلار تولا ياغسا

ئۆيدىن ئۆتىدۇ تامچە

مەن يارنى سېغىنغاندا

پۇتۇم ئات قولۇم قامچا

قەمبەرنىسايىم دەپمىدىلە

مەرەمنىسايىم دەپمىدىلە

كۆيۈپ قالدىم دەپ قويسام

بىر قاراپ قوياپمىدىلە

ئو...كەل ئوينايلى باغلاردا

بۇ كۆڭۈللۈك چاغلاردا

نەمەنگاننىڭ ئالمىسى

كۈزدە پىشامدۇ

ھەممە كىشىنىڭ كۆزلىرى

بىزگە چۈشەمدۇ

يەللە يەللە يەللە جان

قاشىڭغا بارماسمەن ئۇكىجان

يالۋۇرۇپ يانىمغا كەلسەڭ

قاراپمۇ قويماسمەن

كۈلۈپمۇ قويماسمەن

نەمەنگانغا بارماڭ يارىم

يولى خەتەردۇر

چار يىلاندەك تولغۇنۇپ

بىر قىز ياتادۇر

يەللە يەللە يەللە جان

قاشىڭغا بارماسمەن ئۇكىجان

يالۋۇرۇپ يانىمغا كەلسەڭ

قاراپمۇ قويماسمەن

كۈلۈپمۇ قويماسمەن

ئىشىكنى قىيا ئېچىپ

ئېچىپ كەينىگە قېچىپ

ئىشىكنى قىيا ئېچىپ

ئېچىپ كەينىگە قېچىپ

سەن ئالامسەن بۇ جاننى

يۈرىكىمگە ئوت يېقىپ

سەن ئالامسەن بۇ جاننى

يۈرىكىمگە ئوت يېقىپ

ئوي....

يۈرىكىمگە ئوت يېقىپ

ئىشىكنى قىيا ئاچقىن

يۈزۈڭنى كۆرىۋالاي

ئىشىكنى قىيا ئاچقىن

يۈزۈڭنى كۆرىۋالاي

بوينىڭغا گىرە سېلىپ

لېۋىڭگە سۆيىۋالاي

بوينىڭغا گىرە سېلىپ

لېۋىڭگە سۆيىۋالاي

ئوي...

لېۋىڭگە سۆيىۋالاي

ئوي...

لېۋىڭگە سۆيىۋالاي

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。