ozhal歌曲封面
00:00
03:39
🔊

kalhay

专辑
kalhay
发行日期
2025-04-03
流派
暂无
时长
03:39
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : ozhal

作曲 : ozhal

编曲 : ozhal

خازانلىق پەسلىدە گۈلنىڭ سۆزى ياپراقىدا قالغاي

ئاقار دەريادىكى سۇنىڭ كۆزى قىرغاقىدا قالغاي

خازانلىق پەسلىدە گۈلنىڭ سۆزى ياپراقىدا قالغاي

ئاقار دەريادىكى سۇنىڭ كۆزى قىرغاقىدا قالغاي

تاپالماس قۇشمۇ پەرۋازدىن ئەبەدلىك ۋەسلىيادىنى

قاناتى نالىدە ماۋى ساما چاقماغىدا قالغاي

توزۇيدۇ ئاپتىپى كۈننىڭ قاراڭغۇ يادىدا تۈننىڭ

بەھەيۋەت تاغلىرىڭ توزغۇپ خىيال توزغاقىدا قالغاي

كۆرۈمنىڭ چۈشىدە يانغان سۈزۈك يۇلتۇزدا ئەپسانەم

مۇھەببەت ئەسلىرىم ئاينىڭ ھىلال بارماقىدا قالغاي

مۇھەببەت ئەسلىرىم ئاينىڭ ھىلال بارماقىدا قالغاي

كۆيۈپ ئۆچكەي ئوتۇم ئاخىر، قۇرۇيدۇ سۇلىرىم پاكىز

ھاۋادا جان شامالدۇركىم، تېنىم تۇپراقىدا قالغاي

كۆيۈپ ئۆچكەي ئوتۇم ئاخىر، قۇرۇيدۇ سۇلىرىم پاكىز

ھاۋادا جان شامالدۇركىم، تېنىم تۇپراقىدا قالغاي

ھاۋادا جان شامالدۇركىم، تېنىم تۇپراقىدا قالغاي

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。