Derdim Ichimde 伴奏
作词 : Adila Sidik
作曲 : Adila Sidik
编曲 : Tonino祖力
دەردىم ئىچىمدە
تاپقىنىم يوق بىر ئىش يەڭگىل تۇرماس بېشىمدە،
قۇتۇلغىنىم يوق بۇ غەم ئىچىمدە .
ئىشى يوق دېمەڭ ئىشسىز قالساممۇ گەرچە ،
سىزنى سۆيۈش ئىش ئەمەسمۇ سىزنىڭچە ؟
بەختى كەلدى دېيىشىدىكەن ياندىن بىلگەنلەر،
ئەمما سىز ئېگىزدە مەن ئېرىشىمەن تەستە.
دەردىم ئىچىمدە دەردىم ئىچىمدە
ئەگىپ ئۆتىمەن ياندىن …
دەردىم ئىچىمدە دەردىم ئىچىمدە
شەرتلىرىڭىز ئاندىن …
دەردىم ئىچىمدە دەردىم ئىچىمدە
سىزگە كۆيسەم كۈل بولۇپ كېتەرمەنمۇ ئەيھانناس
قەلەندەر ئەيھانناس …
مېنىڭ جېنىم خۇددىي سىزگە ئوخشاش ئەزىز جان،
قەلبىم مېھېر يۈرۈكۈم مارجان.
ئىشى يوق دېمەڭ سۆيگۈم ئۈچۈن بولساممۇ ئۇلتاڭ،
بۇ پەدىدە يۈرىۋېرىشىم ھەي تاڭ !
دەردىم ئىچىمدە دەردىم ئىچىمدە
ئەگىپ ئۆتىمەن ياندىن …
دەردىم ئىچىمدە دەردىم ئىچىمدە
شەرتلىرىڭىز ئاندىن …
دەردىم ئىچىمدە دەردىم ئىچىمدە
سىزگە كۆيسەم كۈل بولۇپ كېتەرمەنمۇ ئەيھانناس
قەلەندەر ئەيھانناس …
مەندىن سىزگە سىزدىن بىزگە تۇتاشسۇن بۇ كۆيەكلەر ،
ئەمما بىر بەندىلا كۆيىۋەرمىسۇن ئەي يار.