
00:00
00:00
Gulirana Qatma
歌词
相关信息
作词 : 民间
作曲 : 民间
编曲 : MusajanHelil-Xeyih
يارىمنىڭ كۆڭلى ئۆرە
ساقلايدۇ مىنى ئۆيىدە
سۆزىگە قۇلاق سالسام
يۈرىكى ھەجەپ زىدە
گۈلى رەنا گۈلى رەنا
قاراقاشقا قاراڭلار
ئەگمە قاشى قارادۇر
بۇكەمدىكى ياش باللا
يۈرەككە ئوتنى سالادۇر
گۈلى رەنا گۈلى رەنا
سىغىزخان كىلىپ قوندى
ئويلاڭدىكى جىگدەڭگە
ساڭا ئورۇن ساقلايمەن
باغرىمدا يۈرەگىمدە
ھەي ھەي شوخ بالە
سىز قىچىپ كەتمەڭ
كىلىڭ شوخ بالە
ئونبەش ياشىمدا دوپپام باشىمدا
يىگىرمە ياشىمدا يارىم قاشىمدا
ئوتتۇز ياشىمدا ئوغلۇم قاشىمدا
قىرىق ياشىمدا قىراۋ باشىمدا
ئاخۇ كۆزلىرىڭىز ،شىرىن سۆزلىرىڭىز
دەستە دەستە گۈللىرىڭىز بولاي
ئەللىك ياشىمدا نەۋرەم قاشىمدا
ئاتمىش ياشىمدا بوۋىيىم قاشىمدا
يەتمىش ياشىمدا چەۋرەم قاشىمدا
سەكسەن ياشىمدا ياستۇق باشىمدا