Number歌曲封面
00:00
02:26
🔊

TEYARLIQIM YOQ

专辑
AMATERASU
发行日期
2022-06-23
流派
暂无
时长
02:26
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Number

作曲 : Number

混音:Number

封面:Number

قىيىنچىلىق ئۆتۈپ كەتكىلى كەلگەن

ھاراققا ئامراق ، شۇ ئاغىنەم بولالايدۇ يەلكەن

مەن مۇھەببەتنىڭ ئولجىسى ئەمما ئارزۇيۇم مەرگەن

ئازغىنە شۇ خۇشاللىقلارنى بۇ ياشلىقىم بەرگەن

ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار ئۇنتۇلمايدۇ يۈرەكتە بار

قىلغانلىرىمىز قېلىپ قالىدۇ ياشلىقتىكى ئاددىي سۈرەتتىلا

كەچۈرۈۋېتىڭلار بۇرادەرلەر مەن راستلا بەك سەت ئۆزگەردىم

زېرىكتىم مەن سىلەرگە ياخشى بولۇپ بولالمىغان سۆزلەردىن

تۇرمۇش بىزگە ئۆگەتتى كۆپنى

جاۋابسىز قالدۇردى شۇ كىشىلەر راستچىل نىيەتنى

ئادەم ئارىسىدا قەلبىم خۇددى قەھرىتان ئەمما ئۇلارغا ياز

كۈلگىنىمنى بىلىسەن ئەمما راست كۈلكە ئاز

قارا ھارمىغان كىم بار  يېقىندىكى تاغنى كۆرۈپ

ساقلىغان كىم بار يېرىم يولدا يۈزىنى ئۆرۈپ

بەل قويۇۋەتكۈم بار ، ئەمما ئابلاجاننىڭ سۆزىدىن قورقىمەن

دىسس  ئېتىۋەتكۈم بار تۇرمۇشقا ماڭا تىكىلگەن كۆزدىن قورقىمەن

ئوقۇشۇم پۈتتى تىرىشچانلىق ساقلاپ تۇرىدۇ ئالدىمدا

تەييارلىقىم يوق ، ئەمما شۇ پىلانلىرىم يادىمدا

تۈنۈگۈنلا چىملىقلاردا سەكرەپ يۈرگەن بالىلار ئىدۇق

پو سۆزلەپ ، مەيدىگە ئۇرغان ۋەدىمىزدە تۇرالمىدۇق

ئاىلەمنىڭ نەزىرىدە مەن ياراملىق ئوغۇل ئەمەس .

قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ھەرگىز سەن ئويلىغاندەك سۇلغۇن ئەمەس .

ئاغىنىلەر شاش ، مەن قايتقاندا بىردىن كۆتۈرۈشەيلى

ئۆتمۈشنى ئەسلەپ يەنە كونا جايدا كۆرۈشەيلى

دادامدەك بولغۇم بار ،ئەمما چىدامچان بولالمىدىم

ئاپامدەك بولغۇم بار ، ئەمما مېھرىبان بولالمىدىم

ئوغۇز يارىدەك بولغۇم بار ، دەرستە ئەلا بولالمىدىم

زۇلپىقاردەك لاياقەتلىك رەپچى بولالمىدىم

ئەمما مەن ئۆزۈم بولغۇم بار بىرلا

ھەممىگە تەييار مەن جاۋابقا بارغۇ يىللار

قىيىنچىلىقتا قالسام ياندا زادى كىم بار

سەۋەب بەلكىم ياندا كەم بولغىنىنى پەقەت پۇللا

ساقلاپ تۇرىدۇ بىزنى نۇرغۇن يوللار

ياش تۆكمىدىم ، پەقەت قويۇپ قويالايمەن چېكىت

سەۋەبنى سورىمىدىم ، بىز تېخى جاۋابلارغا كىچىك

قايتا باشلىغۇم بار ھەممىنى پۇرسەت بېرىلسە

ئادىل ئەمەس ، كۈلكە بەدىلىگە بىزدىكى يۈرەك ئېزىلىسە

راست گەپ قىلسام ، بۇ ئىشلارغا تەييارلىقىم يوق

تۇرمۇشنىڭ قەدەملىرى ماڭا سۈرۈلسە

قىيىنچىلىق ئۆتۈپ كەتكىلى كەلگەن

ھاراققا ئامراق ، شۇ ئاغىنەم بولالايدۇ يەلكەن

مەن مۇھەببەتنىڭ ئولجىسى ئەمما ئارزۇيۇم مەرگەن

ئازغىنە شۇ خۇشاللىقلارنى بۇ ياشلىقىم بەرگەن

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。