
00:00
02:08
mening yarimha yatmaydu (dilnar abdulla)
歌词
相关信息
作词 : halik
作曲 : halik
ئوينىغانىم كۈلگەنىم
گۈل پۇرايدۇ سۆيگەنىم
ئوينىغانىم كۈلگەنىم
گۈل پۇرايدۇ سۆيگەنىم
تاغدىن چۈشتى ئالتە ئاتلىق
مەن بىلەن بولدى يەتتە ئاتلىق
مەن بىلەن بولدى يەتتە ئاتلىق
خەخنىڭ يارى قانداقكىن
مېنىڭ يارىم بەك تاتلىق
ئا...
ئاي مەسەللىك يارىم سەن
كۈن مەسەللىك يارىم سەن
ئالتە ئاي بولدى كۆرمىدىم
ساق سالامەت بارمۇسەن
ئاي مەسەللىك يارىم سەن
كۈن مەسەللىك يارىم سەن
ئالتە ئاي بولدى كۆرمىدىم
ساق سالامەت بارمۇسەن
ئاق بوز ئاتنى داڭلايدۇ
قارا يورغىغا يەتمەيدۇ
قارا يورغىغا يەتمەيدۇ
خەق يارىنى داڭلايدۇ
مېنىڭ يارىمغا يەتمەيدۇ
خەق يارىنى داڭلايدۇ
مېنىڭ يارىمغا يەتمەيدۇ
ئا...
ئوينىغانىم كۈلگەنىم
گۈل پۇرايدۇ سۆيگەنىم
ئوينىغانىم كۈلگەنىم
گۈل پۇرايدۇ سۆيگەنىم