
00:00
04:42
Omur Yoli (live) 现场版
歌词
相关信息
作词 : kilassik
作曲 : kilassik
ناخشىدا: ئايتۇرغان ھەسەنوۋا
ئۆمۈر يول يوللارنى ئارچىلاپ كەتتىڭ
ئەي ھايات پىكرىمنى پارچىلاپ كەتتىڭ
سەن ئۆزەڭ تۆت پەسىلگە بۆلگەن ئۆمرۈمنى
مەن شۇ تۆت مىسراغا قاچىلاپ كەتتىم
سەن ئۆزەڭ تۆت پەسىلگە بۆلگەن ئۆمرۈمنى
مەنچۇ تۆت مىسراغا قاچىلاپ كەتتىم
شاد ياشا مەي ئىچكىن ئۆمرۈڭ پىيالە
بىر قەترە تۆكۈلمىسۇن يەرگە بوپ زايە
ھەر دائىم پىيالەڭدە مەي تۇرماس تولۇپ
بىر كۈنى سۇنىدۇ چەككۈزۈپ نالە
ھەر دائىم پىيالەڭدە مەي تۇرماس تولۇپ
بىر كۈنى سۇنىدۇ چەككۈزۈپ نالە
ئۆمۈر يول يوللارنى ئارچىلاپ كەتتىڭ
ئەي ھايات پىكرىمنى پارچىلاپ كەتتڭ
سەن ئۆزەڭ تۆت پەسىلگە بۆلگەن ئۆمرۈمنى
مەن شۇ تۆت مىسراغا قاچىلاپ كەتتىم
سەن ئۆزەڭ تۆت پەسىلگە بۆلگەن ئۆمرۈمنى
مەنچۇ تۆت مىسراغا قاچىلاپ كەتتىم
ئا، ئا...
مەنچۇ تۆت مىسراغا قاچىلاپ كەتتىم