
00:00
04:59
Bir Het 伴奏
歌词
相关信息
作词 : 无
作曲 : 无
بىرخەت
.
بىر خەت يېزىپسىز جانان بولاي دەپ
ئاشىق ئۆيىدە مىھمان بولاي دەپ
بىر ئۆيدە بىر تەن بىر جان بولاي دەپ
ئالدىم بۇ خەتنى قۇربان بولاي دەپ
.
مەن ئىنتىزارمەن كەلمەمسىز ئەمدى
ئاشىق قەدرىگە يەتمەمسىز ئەمدى
ۋەدىگە ۋاپا ئەتمەمسىز ئەمدى
ئېيتقان ئۆزىڭىز قۇربان بولاي دەپ
بىر باغدا ئۆسكەن رەيھان بولاي دەپ
.
باغلاپ بىلىمگە بەلۋاغلىرىمنى
ئاجايىپ ياساتتىم گۈلباغلىرىمنى
باشلاپ ئۆيۈمگە دوس يالىرىمنى
خىزمەتكە چۈشتۈم چاققان بولاي دەپ
.
ئىشقىم يوشۇرماي داناغا ئېيتتىم
شەيدالىقىمنى بەرناغا ئېيتتىم
قەدرىمنى بىلگەن دوسلاغا ئېيتتىم
ئەل ئىچىدە داستان بولاي دەپ