Bumaryam Arkin歌曲封面
00:00
00:00
🔊

Ukamnig Toyi

专辑
Ukamnig Toyi
发行日期
2024-10-21
流派
暂无
时长
00:00
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Bumaryam Arkin

作曲 : Bumaryam Arkin

编曲 : Bumaryam Arkin

ئۇكامنىڭ تويى

ئۇرۇنلىغۇچى: بۈمەريەم ئەركىن

:ئۆمەر رۇزى

تىكىستى : بۈمەريەم ئەركىن

مۇزىكىسى: ئادىلجان مەخەت

ئاكورىتلاشتۇرغۇچى: ئادىلجان مەخەت

ئاۋاز ئۈنۈم : ئادىلجان مەخەت

كېلىڭ، ئەزىز دوستلۇرۇم تويخانىگە

بەخت تىلەپ، جۈپ ئېچىلغان لالەگە

بىرگە بولۇپ چىن ۋاپانىڭ ئەھدىسى

يەتتى، بۈگۈن مەڭگۈلۈك ئارمانىگە

مۇبارەك تويىڭىزگە جان ئۇكام

مۇبارەك تويىڭىزگە جان ئۇكام

جان ئۇكامنىڭ، بوپتۇ بۈگۈن تويلىرى

بىر بىرىگە يارىشىپتۇ، بويلىرى

يېڭى تۇققان ئۆيىمىزگە قوشۇلۇپ

پورەكلىسۇن ساداقەتنىڭ گۈللىرى

مۇبارەك تويىڭىزگە جان ئۇكام

مۇبارەك تويىڭىزغا جان ئۇكام

بۇ توي ئۈچۈن يىغىلىپتۇ، قېرىنداش

شادلىقىغا ھەمدەم بولۇپ قۇر ئاداش

ۋاپا بولسۇن، چىن مۇھەببەت قالقىنى

بولۇپ كەتسۇن ئايىغى تاش بېشى باش

مۇبارەك تويىڭىزگە جان ئۇكام

مۇبارەك تويىڭىزغا جان ئۇكام

نۇر چاقنىغان كۈمۈش چاچلىق ئانىمىز

خۇددى تاغدەك يۆلەنچۈكۈم ئاتىمىز

ئاچا سىڭىل ئاكىمىز ھەم يەڭگىمىز

تويغا جەم بولۇپ كەلدۇق، بۈگۈن ھەممىمىز

مۇبارەك تويىڭىزگە جان ئۇكام

مۇبارەك تويىڭىزگە جان ئۇكام

مۇبارەك تويىڭىزگە جان ئۇكام

مۇبارەك تويىڭىزگە جان ئۇكام

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。