00:00
00:00
Balinig Gemi
歌词
相关信息
作词 : Osman Mamtimin
作曲 : Osman Mamtimin
编曲 : Osman Mamtimin
ئاتا-ئانىلار شۇنداق ئىكەنمىز
بالام بولسا دەپ ئويلار ئىكەنمىز
بىر چاغ بالىلىق بولار ئىكەنمىز
شۇنىڭدىن باشلاپ بالىنىڭ غېمى
ئاتا ئانىلار شۇنداق ئىكەنمىز
بالا غېمىدە ئۆتەر ئىكەنمىز
ماداردىن بۇرۇن كېتەر ئىكەنمىز
ئولتۇرساق قوپساق بالىنىڭ غېمى
تاپقىنىڭ قېنى تۈككۈنىڭ قېنى سورىمايلا قوي بالىنىڭ غېمى
ئاتا ئانىلار شۇنداق ئىكەنمىز
بالىدىن ئىنساپ تىلەر ئىكەنمىز
جەۋىر سالسا قان يۇتارئىكەنمىز
شۇنداق تۇرسىمۇ بالىنىڭ غېمى
ئاتا ئانىلار شۇنداق ئىكەنمىز
بالا دەپ نى كۈن كۆرەر ئىكەنمىز
بالا دەپ نى كۈن كۆرەر ئىكەنمىز
بىر كۈن ئالەمدىن ئۆتەر ئىكەنمىز
كۆز يۈمۇلغىچە بالىنىڭ غېمى
ياشلىقىڭ قېنى شوقلۇقۇڭ قېنى
سورىمايلا قوي بالىنىڭ غېمى