
伟大的母亲 Ulughdur Ana 1997
作词 : iskender Semet
作曲 : iskender Semet
ئۇلۇغدۇر ئانا
تەرجىمان :گۈلبانۇ
ئىككى ئالەمدە كۆڭۈلنىڭ ئارامى
خەستە جانلار سەبىلەر مېھرىبانى
ياخشى ئوغلان يېتىشتۈرگەن ئانىلا
ئىنسانىيەت ئالەمىنىڭ چىراغى
ئانا.....ئانا....ئانا...جان ئانا....
ئالەم چىراغى
مۇزىكا
مېھرى تەپتىدىن قۇياشمۇ خىجىلدۇر
پەرزەندىگە چىن دىلىدىن ئىجىلدۇر
سەنمۇ ئانا يېتىشتۈرگەن بىر غۇنچە
شۇ گۈلىڭنى ئانا ئۈچۈن ئېچىلدۇر
ئانا.....ئانا....ئانا...جان ئانا....
ئانا ئۇلۇغدۇر.....
مۇزىكا
ئانا دىگەن شۇنداق ئەزىزى بىزلەرگە
ئانا شۇڭا سازاۋەردۇر ھۆرمەتكە
ئانىلارنى قەدىرلەڭ ئەي ئوغلانلار
ئانا ئۆمرى ئۆتسۇن مەڭگۈ ئىززەتتە
ئانا.....ئانا....ئانا...جان ئانا....
ئەزىزىم ئانا
مۇزىكا
مېھرى تەپتىدىن قۇياشمۇ خىجىلدۇر
پەرزەندىگە چىن دىلىدىن ئىجىلدۇر
سەنمۇ ئانا يېتىشتۈرگەن بىر غۇنچە
شۇ گۈلىڭنى ئانا ئۈچۈن ئېچىلدۇر
ئانا........ئانا......ئانا......جان ئانا
ئۇلۇغدۇر ئانا......