00:00
00:00
Tagdir
歌词
相关信息
作词 : Eli Abduhelil
作曲 : Faarruh Yarmuhammat
تەغدىر شۇنداق سىنايدىكەن ئادەمنى
سۆيگۈ شۇنداق قىينايدىكەن ئادەمنى
ئىنتىزار قىپ بىر بىرىگە مۇھەببەت
باغلايدىكەن ئادەم بىلەن ئادەمنى
نىگار ساڭا مەنمۇ قالدىم باغلىنىپ
ئىشقى ئوتۇڭدا يۈرەكلىرىم داغلىنىپ
بۇلبۇل بولۇپ قىزىل گۇلنىڭ ئىشقىدا
سايرىغىنىم بارسۇن ساڭا ئاڭلىنىپ
پاك سۆيگۇمگە قىلچە پەرۋا قىلمىدىڭ
قالدى شۇڭا يۈرەكلىرىم يارلىنىپ
ئەنسىرەيمەن قالمىسۇن دەپ نىگارىم
ئۆزگىلەرنىڭ قوللىرىدا خارلىنىپ