
00:00
00:00
Ayga Baksam
歌词
相关信息
作词 : askar kurban
作曲 : elijangupur
编曲 : elijangupur
ئايغا باقسام ئايدەك جامالىڭ،
زاھىر بولدى يەنە ئالدىمدا.
كەچمىشلەرگە چىلاشقان سۆيگۈ،
نازلىق بېقىپ ياتار باغرىمدا.
جىمىرلىدى يۇلتۇزلارمۇ ھەم،
مۇڭغا پاتتى قىسىپ كۆزىنى.
ئاي شولىسى ئوينىتار لەرزان
پارە قىلىپ نىمجان تىنىمنى.
تۈن پەردىسى يېيىلغان شۇدەم،
تولغاندى جان خىلۋەت ھۇجرىدا.
پورەكلىدى ئاشىق ھەسرىتى،
يىلتىز تارتىپ ئازاپ قوينىدا.
كەتتىڭ ھىجران چۆلىگە باشلاپ،
دەرتلىك يۈرەك چېقىلدى چۇل-چۇل.
كىرپىكىڭنى لال قىلىپ ئاتقىن،
تۇتۇپ بېرەي كۆكسۈمنى ئۇدۇل.