
00:00
04:31
顺应世界 Jahangha Baq1997
歌词
相关信息
作词 : iskender Semet
作曲 : iskender Semet
جاھانغا باق
تەرجىمان :گۈلبانۇ
سەن جاھانغا باقمىساڭ جاھانمۇ باقمايدىكەن
كونا گەپ سۆۋلەتلىرىڭ ئەمدى بەس ئاقمايدىكەن
سەن بىكار ياتقان بىلەن ئىشلىرىڭ ئاقسايدىكەن
خۇراپاتلىق نادانلىق زادى ئەسقاتمايدىكەن
مۇزىكا
بەزىلەر بىلمەي تۇرۇپ بىلگەننى ئۇرۇپ يونۇپ
دوستىغا قاپقان قۇرۇپ زادى جىم ياتمايدىكەن
ئىچكىنى ئاچچىق شاراپ كۆك تاماكىنى شوراپ
ھالى بۇ تۇرسا خاراپ لاپنى توختاتمايدىكەن
مۇزىكا
ئەقلى تۇرۇپ ھۇشى يوق نادان يۈرگەچ قەدرى
پۇلنى دەپلا ياشىغان ئەلگە ھىچ ياقمايدىكەن
خىزمەتنى قىل ئېلىڭگە پۇلنى خەجلە بىلىمگە
بولسا تاغدەك بىلىمىڭ ئەل سېنى ياقلايدىكەن
مۇزىكا
بولسا تاغدەك بىلىمىڭ ئەل سېنى ياقلايدىكەن