
00:00
00:00
Muhebbet 爱情
歌词
相关信息
作词 : iskender Semet
作曲 : iskender Semet
编曲 : iskender Semet
تېكىستى :iskenderSemet
مۇزىكىسى :iskendersemet
تەرجىمان :گۈلبانۇ ئىسكەندەر
بىر چاغلاردا باغرىمدا باغرىڭ
شامدەك ئېرىپ گۈلدەك ئېچىلغان
كۆزلۈرۈڭدە بەخت كۈلكىسى
كۆزلۈرۈمگە كۆز بوپ سىزىلغان
قايسى ئاشىق مەشۇقتىن كەچكەن
قايسى مەشۇق ئاشىقتىن تانغان
سەن بىۋاپا ئەمەسسەن بەلكى
مۇھەببەت ئۇ شۇنداق يارالغان
مۇزىكا
گاھى مۇزمەن گاھىدا ۋولقان
گاھى كىيىك گاھىدا قاپقان
شۇ مۇھەببەت كىمنى كۈلدۈرۈپ
شۇ مۇھەببەت كىمنى يىغلاتقان
سەۋدايىڭمەن ساڭا باغلانغان
كۈلۈپ - كۈلۈپ ياشقا ئايلانغان
لەيلىمدۇرسەن مەجنۇنىڭدۇرمەن
كۈتۈپ - كۈتۈپ تاشقا ئايلانغان