
Yusup Xas HAjip (玉素甫·哈斯·哈吉甫)
作词 : Mamut Zaxit
作曲 : AblatAwamuslim
ئەلجاھاننى كېزىپ يۈرەر مۇبارەك ئىسمىڭ،
مىليۇنلىغان خەلىقلەرنىڭ تۆرىدە رەسىمىڭ.
توغراق كەبى ئابىھايات ئىچكەنمۇ جىسمىڭ،
بۈيۈك ئالىم بۈيۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
♩♩♩
شائىر دېگەن ساڭا ئوخشاش ئۇزاق ياشامدۇ،
مىڭ يىللارنىڭ داۋانىدىن دادىل ئاشامدۇ.
پەزىلەتكە كامالەتكە سەندەك توشامدۇ،
بۈيۈك ئالىم بۈيۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
♩♩♩
ئىجاد قىلدىڭ ئېسىل قامۇس شاھانە ئەسەر،
قەدىمى شەرق تاجىدىكى بىباھا گۆھەر.
شېئىرىيەت دۇنياسىغا سەن ئۇستاز مەدەت،
بۈيۈك ئالىم بۈيۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
♩♩♩
سەندەك ئاقىل ئىشچان باتۇر بىزنىڭ خەلقىمىز،
ئۆگەنمەكتە ئىلىم-ئىرپان ئەۋلاد نەسلىمىز.
كۆز ئاچماقتا ھۆر بەختىمىز ئىجاد پەسلىمىز،
بۈيۈك ئالىم بۈيۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
كۆز ئاچماقتا ھۆر بەختىمىز ئىجاد پەسلىمىز،
بۈيۈك ئالىم بۈيۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
بۈيۈك ئالىم بۈيۈك شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ.