
00:00
04:13
Semender
歌词
相关信息
作曲 : Bilal Enwer
كۈن پاتىدۇ، تاڭلار ئاتىدۇ،,
زېمىن سۆيۈپ باھار كېلىدۇ.
شەھەردە ھەم سەھرالاردىمۇ،,
ھاياتنى ھەممە ئوخشاش سۆيىدۇ.
ئوخشاش قۇياش، كۈنلەر ئوخشىماس.
ئاي ئوخشايدۇ، تۈنلەر ئوخشىماس.
بىرى پەرۋانە، بىرى سەمەندەر،,
تۇرمۇش ئوتىدا كۆيۈپ ئۆتىدۇ.
بىرى چۈشكىچە ئۇخلاپ ياتىدۇ،,
بىرىنىڭ كۆزىدىن قاچىدۇ ئۇيقۇ.
بىرى قالاركەن قەرزگە پېتىپ،,
بىرى ياتىدۇ يامبۇنى بېسىپ.
ئوخشاش نەپەس، قىسمەت ئوخشىماس.
ئوخشاش تۇرمۇش، غەملەر ئوخشىماس.
بىرى ئوتۇن بىرى سەمەندەر،,
دۇنيا ئوتىدا كۈل بوپ ئۆتىدۇ.
بىرى سۆيگۈنى دىلغا كۆمىدۇ،,
بىرى تەلمۈرۈپ ئۈمىد كۈتىدۇ.
بىرى پەرھاد، بىرلىرى مەجنۇن،,
كەچمىشىدىن داستان پۈتىدۇ.
ئوخشاش سۆيگۈ، ھىجران ئوخشىماس.
ئوخشاش ھايات، تەقدىر ئوخشىماس.
بىرى پەرۋانە، بىرى گويا شام،,
ئىشىق ئوتىدا كۆيۈپ ئۆتىدۇ。