Kozi Yultuz
作词 : 白毛毛
作曲 : 白毛毛
编曲 : Muhebbet Memtimin
گۈزەللىكتە مەغرۇر ھەم مىسكىن
سۈرەن ئىچرە پىچىرلار تەمكىن
بېقىشلارى تەلۋە ھەم كەسكىن
ئالەم ئاڭا پۈتۈلگەنمىكىن
باق، شۇ كۆزگە، دۇنيا مەپتۇندۇر
يۇلتۇزغا ئاي قۇياش ھەمراھتۇر
كۆزى يۇلتۇز چاقنايدۇ نۇرلۇق
قەلبىم تاپتى شۇندىن يورۇقلۇق
كۆز قىسقانتى ئۆچتى بىر يۇلتۇز
شۇ كۆزلەردىن بولدۇم مەن يورۇق
ھەر بېقىشى يېشىلمەس سىردۇر
قايغا باقسا يۇلتۇز تولغانۇر
باق، شۇ كۆزگە، ئارزۇ تۇغۇلار
تا سۈبھىگە دۇنيا ساز چالار
كۆزى يۇلتۇز چاقنايدۇ نۇرلۇق
قەلبىم تاپتى شۇندىن يورۇقلۇق
كۆز قىسقانتى ئۆچتى بىر يۇلتۇز
شۇ كۆزلەردىن بولدۇم مەن يورۇق
كۆزلەرىڭدىن كۆردۈم مارس بىر چۆللۈك
قىزىل قۇمنىڭ ئاستىدا كۆ كۆمۈكلۈك
يانار تاغمۇ يانمۇ-يان ياتقان كىلىمات
سوغۇق كاربوناتمۇ قاتمۇ-قات ھېسسىيات
ساتۇران ھالقاڭ گۈزەلگە ئورالغان
مۇز ۋە تاشلار لەيلەۋاتقان قارچۇغاڭ
ئاشۇ نۇرلار مېنى كۆككە ئۇچارغان
ئاسترونومىيەنى كۈلكە تولدۇرغان
كۆزۈڭ ئاينىڭ ئۆزى كېچىگە ياپتى كۈمۈش توننى
تۆت تاكىلا تۇتۇپ ئايغا تاپتىم مەستخۇش ئۇيقۇنى
ساما ساڭا باققىنىدا تېمپېراتۇرا پەيدا
ئاقار يۇلتۇز ئاققىنىدا ھېس قىلدىم چەكسىزلىكنى
كۆزۈڭ نېپتۇن گويا ئەپلاتۇن كەبى يىراق
بوراندىكى جىمجىتلىق خۇددى چۈشتىكى قىرغاق
مېتان ئۇندا بۇلۇت بولۇپ پەيدا قىلار قاينام
سېنىڭ بېقىشىڭدا تاپتىم ئاخىر راھەت پاراغەت ئارام
كۆزلەرىدە يۇلتۇز ئارا رەت-رەت
گۈزەللىككە باشلار تائەبەد
كۆزى يۇلتۇز چاقنايدۇ نۇرلۇق
قەلبىم تاپتى شۇندىن يورۇقلۇق
باق، شۇ كۆزگە، ئارزۇ تۇغۇلار
تا سۈبھىگە دۇنيا ساز چالار
كۆزى يۇلتۇز چاقنايدۇ نۇرلۇق
قەلبىم تاپتى شۇندىن يورۇقلۇق