
U mining atam (Uyghur)
作词 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
كۆڭلۈڭ كەڭرى دىڭىز دەي دىسەم
دىڭىز كىچىك ئۇنىڭ چىكى بار
ئىللىق باغرىڭ بىر گۈلخان دىسەم
مىھرىڭدەك ئۆچمەس گۈلخان نەدە بار
بەردىڭ سەن ئايىماستىن
تۈگىمەس مىھرى مۇھەببىتىڭ
ئاتاپ ئۆمرۈڭ ۋە بارلىغىڭ
پەقەت ئۆزۈڭ ئويلىماستىن
سەن
ئارزۇلاپ زىرىكمەستىن
ئۈگەتتىڭ ماڭا ئەر بولماقنى
توختىماي كۈرەش قىلماقنى
يىڭىلمەي تىز پۈكمەستىن
ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان
ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان
يۈز-قولىنى قورۇق داغلار باسقان
ئۇ مىنىڭ ئاتام
قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن
پەرزەنىت ئىشقىدا بولغان دەرىتمەن
يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن
ئۇ مىنىڭ ئاتام
جانىم ئاتا كۆڭلۈڭ توق تۇرسۇن
ئوغلۇڭ داۋام قىلسۇن يولۇڭنى
ساڭا مەڭگۈ بەخىت يار بولسۇن
قۇت تۆرىدە كۈلدۈرەي سىنى
مەردانە سېياقىڭدىن
كۆيۈمچان چېرايىڭدىن
ھېس قىلىمەن زادى نېمە
ھەقىقىي سۆيگۈ دىگەن
مەن
جاپالىق كەچمىشىڭدىن
ئىگىز-پەس ئۆتمۈشىڭدىن
تاپىمەن شۇنداق جاۋاب
مانا بۇ ھايات دىگەن
ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان
ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان
يۈز قولىنى قورۇق داغلار باسقان
ئۇ مىنىڭ ئاتام
قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن
پەرزەنت ئىشقىدا بولغان دەرتمەن
يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ساڭا نەچچە مىڭ رەت تەشەككۈر ئاتا،
بەخىت يار بولسۇن ساڭا
ئۇ مىنىڭ ئاتام
مىنى بىر يىگىت قىلغان
ئۇ مىنىڭ ئاتام
باغرى ئاتەشكە تولغان
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ماڭا ئومۇر بويى ئاتاپ بەختىنى ۋە تەخىتىنى
ئۆزى كۆيۈپ كۈل بولغان
ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان
ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان
يۈز قولىنى قورۇق داغلار باسقان
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن
پەرزەنت ئىشقىدا بولغان دەرتمەن
يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ
ئۇ مىنىڭ ئاتام