Shair Boldum
作词 : 白毛毛
作曲 : 白毛毛
编曲 : Muhebbet Memtimin
بىر زامانلار ئاشىق يايرىم بار
ئەمدى كۈنلەر ئۆتمەكتە بىدار
سەنسىز قالدىم يالغۇزلۇقتا
نە ئازاپلاردا
ئوھ ...
سەنسىز كۈنلەر ئۆتمەكتە بىدار
ئامالىم يوق بۇ ئايرىلىش ئازابىغا
بېرەلمەيدۇ ھېچكىم بىر جاۋاب
بۇ ھىجرانلارغا
ئاھ ...
شائىر بولدۇم، كىتابلار يازدىم
بىمار بولدۇم، كېسەلدە قالدىم
سەۋدا بولدۇم، تاغلارنى كەزدىم
بۇ ئايرىلىش ھەر كويغا سالار
سەرسان بولدۇم ئارماندا قالدىم
يالغۇز بولدۇم دەرتلەردە ياندىم
بۇ ئايرىلىش ھەجەپ ھەجەپ يامان
يالغۇز قالدىم
AyYo K-Mummy
بەدەل تۆلەشتىن يانمايمەن
ۋىسالىڭغا يەتكەندە، ھاياجاندىن تىترەيمەن.
يېنىمدىن كەتسەڭ، جىسمىم ئازابتا، قالمايدۇ ھالىم
سەن ئۈچۈن كېتەر بولسام يىراققا، بولسۇنمۇ پاسىلىم، نە مەنزىلىم.
سەندىن بۇرۇن ئالما دېگەنلەر، تاشلىۋەتتى چالما دەپ
سۆيگۈ دېگەن Evil كەن، تەتۈر يازسا، مانا قارا Live ئىكەن
نېمىشقا دەيمىز بۇنداق؟ تاكى شۇ توغرا جۈپتىمىزنى تاپقۇچە؟
لېكىن ئېرىشسەك، بولار ئىكەن ئىشلار باشقىچە
ئېرىشمەكچى بولغىنىڭ خالىماسكەن ھېچ سېنى
ئەمما جىلۋە قىلسىلا، ئۇنتاركەنسەن ھەممىنى
بۇ شۇنداق رىقابەت، بىر كىمنى بويسۇندۇرۇش ئەمەس ھەم مەقسەت
ئۇچراتقىنىمدا سېنى، مەندە يوقتى بىر قانداق نىيەت، پۈتۈلگەنمىكىن پەقەت.
بىراق شۇنچە خەۋپلىك، زادى نېمە لازىمتى؟
يېپىلماستا ئىشىكلەر، ئېيتقىن ئىچ سىرلىرىڭنى
ماقۇل-دە، ئەگەر تىز پۈكسەم، بىتچىت بولسام، دەردىمنى تۆكسەم
ئازماسمەن ئەمما، چۈنكى مەنمۇ پەقەتلا
ئالەمگە ئۇچقان راكىتا، قەلبىڭ تۇلۇن ئاي گويا
نىشانىم سەن، پەقەت سەنلا
پەقەت سەنلا
شائىر بولدۇم، كىتابلار يازدىم
بىمار بولدۇم، كېسەلدە قالدىم
سەۋدا بولدۇم، تاغلارنى كەزدىم
بۇ ئايرىلىش ھەر كويغا سالار
سەرسان بولدۇم ئارماندا قالدىم
يالغۇز بولدۇم دەرتلەردە ياندىم
بۇ ئايرىلىش ھەجەپ ھەجەپ يامان
يالغۇز قالدىم
بىر زامانلار ئاشىق يايرىم بار
ئەمدى كۈنلەر ئۆتمەكتە بىدار
سەنسىز قالدىم يالغۇزلۇقتا
نە ئازاپلاردا
ئوھ ...
سەنسىز كۈنلەر ئۆتمەكتە بىدار
ئامالىم يوق بۇ ئايرىلىش ئازابىغا
بېرەلمەيدۇ ھېچكىم بىر جاۋاب
بۇ ھىجرانلارغا
ئاھ ...
شائىر بولدۇم، كىتابلار يازدىم
بىمار بولدۇم، كېسەلدە قالدىم
سەۋدا بولدۇم، تاغلارنى كەزدىم
بۇ ئايرىلىش ھەر كويغا سالار
سەرسان بولدۇم ئارماندا قالدىم
يالغۇز بولدۇم دەرتلەردە ياندىم
بۇ ئايرىلىش ھەجەپ ھەجەپ يامان
يالغۇز قالدىم