Ablajan Awut Ayup歌曲封面
00:00
04:20
🔊

Baliliq chaghlar 

专辑
Shahzade \ The Prince 王子
发行日期
2016-04-26
流派
暂无
时长
04:20
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Ablajan Awut Ayup

作曲 : Ablajan Awut Ayup

ھەي ، ئەجەب چىرايلىق

بالىلىق چاغلار

نۇرغا پۈركەنگەن

سۈپسۈزۈك تاغلار

كۈمۈش بۇلاقلار

بەرگى قىياقلار

بەخت ئىزدىگەن

يېشىل تۆت قۇلاقلار

ئاستىڭدا ئات بول

سۇۋادان ياپراقلار

لاي شەھەر ياسايمىز

قۇرسا پاتقاقلار

ھەي بالىلىق چاغلار

ئىللىق قۇچاقلار

بالىلىق چاغلار

بۇلۇت قويغان تاغلار

بالىلىق چاغلار

قاراڭغۇ باغلار

يىراقتا تاغلار

بىللە ئەگەشكەن

قوزا بويناقلار

كەپسىز دولقۇنلار

ئالتۇن قىرغاقلار

سۇلاردا بېلىق

قولدا قارماقلار

بالىلىق چاغلار

ھەي ،قىيغىت قان تايلار

بىزنى چاقىرغان

ئۆڭكۈرلەر سايلار

چىم چىق يۇلتۇزلار

ئورغاقتەك ئايلار

چۆچەك ئېيتىشلار

جىن دەپ قورقۇشلار

ياغاچ ئاپتومات

ھۇررا سوقۇشلار

شامالنىڭ قانىتىغا ئېسىلغۇم كېلىدۇ

يۇلتۇزنى ئۆيۈمگە چىللىقىم كېلىدۇ

چېچەكلەر تۆكۈلسە يىغلىغۇم كېلىدۇ

ئاي ماڭسائارقىدىن قوغلىغۇم كېلىدۇ

دەرەختە قۇش بولۇپ ئۇخلىغۇم كېلىدۇ

ئوتلاقتا قوي بىلەن ئوتلىغىم كېلىدۇ

ئاجايىپ چاغلار بۇ چاپقۇڭلار كېلىدۇ

بۇلۇتقا مىنگىشىپ ئۇچقۇڭلار كېلىدۇ

ھەي ، بارلىق چاغلار

ساناقسىز ئارمانلار

ھەي ، بالىلىق چاغلار

يايرايدۇ بۇ جانلار

ھەي ، بارلىق چاغلار

ساناقسىز ئارمانلار

ھەي ، بالىلىق چاغلار

يايرايدۇ بۇ جانلار

سۆزلىشەلەيسەن قونچاقلار بىلەن

قوغلاشماق ئوينايسەن تايچاقلار بىلەن

چۈشۈڭدە ئېلىشىپ تىمساقلار بىلەن

قوغلايسەن سۈر سۈر توقماقلار بىلەن

ھەي ، بارلىق چاغلار

ساناقسىز ئارمانلار

ھەي ، بالىلىق چاغلار

يايرايدۇ بۇ جانلار

ھەي ، بارلىق چاغلار

ساناقسىز ئارمانلار

ھەي ، بالىلىق چاغلار

يايرايدۇ بۇ جانلار

ھەي ، بارلىق چاغلار

ساناقسىز ئارمانلار

ھەي ، بالىلىق چاغلار

يايرايدۇ بۇ جانلار

ھەي ، بارلىق چاغلار

ساناقسىز ئارمانلار

ھەي ، بالىلىق چاغلار

يايرايدۇ بۇ جانلار

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。