
Qatma San San
ئالمىنى ئاتتىم يولۇڭغا يولۇڭغا لەيلىمۇلەي
ئەگىپ چۈشتى قولۇڭغا قولۇڭغا لەيلىمۇلەي
قاچانغىچە قارايمەن قارايمەن لەيلىمۇلەي
كەلمەي تۇرغان يولۇڭغا يولۇڭغا لەيلىمۇلەي
لەيلىمۇلەي لەيلىمۇلەي
قىزىل گۈل ئاراسىدا مەن سېنى كۆرۈپ قالدىم
مەن سېنى كۆرۈپ قالدىم مەن سېنى كۆرۈپ قالدىم
ئېيتمىغانغا بولمايدۇ مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم
ئېيتمىغانغا بولمايدۇ مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم
بىلمەيسەن بىلەلمەيسەن كۆيگۈنۈمنى بىلمەيسەن
بىلسەڭ سەن ھەي جانان يا نەزەرگە ئىلمايسەن
بىلمەيسەن بىلەلمەيسەن كۆيگۈنۈمنى بىلمەيسەن
بىلسەڭ سەن ھەي جانان يا نەزەرگە ئىلمايسەن
دەتلەر چۈشتى بۇ باشىمغا
سورىمايسەن بۇ ھالىما
ھەجەپ قىينالدى بۇ جانىما سەن سەن
سەن سەن مېنىڭ بىر گۈزەلىم سەن
سەن مېنىڭ بىر غەزەلىم سەن
يارىم ئاتەش ئوتلۇرۇڭدا ئوتلۇرۇڭدا شۇنچە كۆيدۈم
ئىشقى ئوتۇڭدا شۇنچە كۆيدۈم سەن سەن
سەن سەن مېنىڭ بىر گۈزەلىم سەن
سەن سەن مېنڭ بىر غەزەلىم سەن
ئىشىك ئالدىڭدا ماييول يوقكەن ماڭغىم كەلمەيدۇ
ۋاپاسى يوق يار بىلەن
يۈرگىم كەلمەيدۇ
ئاخشىمى بولسا سېنى ئويلاپ ئۇيقىم كەلمەيدۇ
ئەتىىگىنى بولسا كۈن چۈشكىچە قوپقىم كەلمەيدۇ
سەن بولمىساڭ بولمايدۇ زادى بولمايدۇ
مەن بارمىسام بولمايتى زادى بولمايدۇ
سەن بولمىساڭ قېشىمدا زادى بولمايدۇ
مەن بولمىسام بولمايدۇ زادى بولمايدۇ
مەن بارمىسام قېشىڭغا زادى بولمايدۇ