艾尔肯-Erkin Abdulla歌曲封面
00:00
05:10
🔊

Nothing

专辑
Eagle
发行日期
2021-08-15
流派
暂无
时长
05:10
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

بىر مۇھەببەت ئىچىمدە

دەردى بار، ئىزھارى يوق

خۇددى تاشلاندۇق دۇتارمەن

پەدىسى بار، تارى يوق

دوستۇلۇرۇم جىق داستىخاندا، رىستۇراندا بەزمىدە

پەم ئېيتىپ ھالىمغا چىندىن يەتكۈدەك ھۇشيارى يوق

مەن كۆڭۈل ئىزدەپ چاپارمەن ھەر تەرەپكە ھەر كۈنى

توپ ئارا بىگانىمەن، ئەھلى بازارنىڭ كارى يوق

يار ماڭا مەيلىنى بەردى، ئۆزى ياتنىڭ قوينىدا

ئىستىگەندە يارى يوق

بولدى ماڭا ئۇ بارى يوق

بولدى ئاشىققا باياۋان دەخلىسى يوق بىر ماكان

كۆك تىكەندىن شىرنە ئالدىم، چاھارباغقا چارە يوق

قاغىدىن قالغان غىزا سالدى نىزا

ئوۋدىن تېپىپ يەيدىغان شۇڭقارى يوق

گۈلگە ئاشىق سەن، گۈلۈڭنى ئۈزدى كىم

سۇلغۇن گۈلنىڭ ھۆسنى باردۇر، خارى يوق

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。