01作词 : Ranglik↗02 作曲 : Ranglik↗03خەيرىلىك كەچ مەڭگۈلۈك پەرىشتەم،↗04ئەگەر سېنى ئۆزۈمدىنمۇ ئارتۇقراق سۆيىمەن،↗05دېسەم مېنى مەسخىرە قىلارسەنمۇ ياكى تەسىرلىنەرسەنمۇ؟↗06مەيلى نىمىلا بولسۇن مەن ساڭا بۇ مەكتۇپنى،↗07يېزىۋاتقان چېغىمدا قوللۇرۇم تىترەۋاتقاندەك،↗08قەلبىمنى قانداقتۇر بىر ئازابلىق ھەم گۈزەل تۇيغۇ چىرمىۋالغاندەك قىلاتتى.↗09مەن ئۆز تەسەۋۋۇرۇم ۋە چەكسىز سۆيگۈم بىلەن ئوت كەبى يانماقتىمەن،↗10ئۇ ئوت ئۇچقۇنلىرى تاكى سېنىڭ كۆزۈڭنى قاماشتۇرۇپ،↗11دىلىڭدىكى چەكسىز قارمۇزلارنى ئىرىتىپ تۈگەتكۈچە توختىماي كۆيىمەن.↗12مەن ھەر كۈنى سەن ئۈچۈن بىر پارچە مەكتۇپ يازىمەن،↗13مەن ھەر كۈنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى ئازاب ھەم شادلىق،↗14مۇھەببەت ھەم نەپرىتىمنى، كۈلۈمسىرەشلەر ئارىسىدىكى بىغۇبار غەمكىنلىكىمنى ساڭىلا،↗15پەقەت ساڭىلا ئىزھار قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.↗16بۇ گويا دەقىقە ئىچىدىكى چەكسىزلىككە ئوخشايدۇ، ئىشىنىمەنكى :↗17ئۆمۈر تۈگەيدۇ ئەمما سۆيگۈ مەڭگۈلۈككە ئايلىنالايدۇ،↗18ئەگەر ئەتىلا ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن ساڭا ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر بىر كىشىگە،↗19يۇلتۇزلارغا، قاپقاراڭغۇ تۈنلەرگە، ھەتتا ياپراقلارغىمۇ تەشەككۈر بىلدۈرمەن.↗20قەدىرلىك پەرىشتەم،↗21دەرىزەڭنى ئېچىپ يول چىرغى ئاستىدىكى تەنھار خەت ساندۇقۇڭغا قارىغىن،↗22ئاندىن ئاستا چىقىپ بىر تال ئەتىرگۈل بىلەن بۇ مەكتۇبىمنى تاپشۇرۇپ ئالغىن…↗23يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى خىلۋەت ھۇجراڭدىكى ئاجىزغىنە شام نۇرى ۋە مەشتە كۆيىۋاتقان سۇس ئوت يالقۇنى،↗24سېنىڭ ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈلۈمسىرشىڭنى چۇقۇم چۈشۈمگە ئېلىپ كىرىدۇ…↗ + 写一段解读称呼(可选)你的歌词解读无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。提交解读 一起聊聊0 条主评论 第一段感受,也许就来自你。 可以直接提交评论与回复。启用 JavaScript 后,可收起回复或每次查看更多 10 条;以下链接可翻阅主评论。 称呼(可选)分享你的理解与感受无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。提交评论 ↗