LYRICS / WORDS THAT RESONATE

Kutux歌词

umida · umida

参与歌词讨论 · 无需登录 ↓
01ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى02قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس03سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم04كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىپ باقتىم قىياس05تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن06بۇيۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن07قەلبىمدە سەن ئامان قالىسەن جېنىم08يەنىلا مەن كەبى سۆيەلمەس ھېچكىم09مۇڭ باسقان كۆزلۈرۈڭنى ئەسلىيەلەيمەن10سەن چوقۇم يىراققا باقتىڭ لاۋۇلداپ11مانا يەنە بىركۈن ئۆتتى مىڭ تەستە12يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ13مۇڭ باسقان كۆزلۈرۈڭنى ئەسلىيەلەيمەن14سەن چوقۇم يىراققا باقتىڭ لاۋۇلداپ15مانا يەنە بىركۈن ئۆتتى مىڭ تەستە16يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ17مۇزىكا18كىملەرنى ياد ئەتتىم كىملەرنى كۈتتۈم19مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان20ئالدىراش يولىنى كېزىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم21ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان22تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن23بۇيۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن24قەلبىمدە سەن ئامان قالىسەن جېنىم25يەنىلا مەن كەبى سۆيەلمەس ھېچكىم26مۇڭ باسقان كۆزلۈرۈڭنى ئەسلىيەلەيمەن27سەن چوقۇم يىراققا باقتىڭ لاۋۇلداپ28مانا يەنە بىركۈن ئۆتتى مىڭ تەستە29يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ30مۇڭ باسقان كۆزلۈرۈڭنى ئەسلىيەلەيمەن31سەن چوقۇم يىراققا باقتىڭ لاۋۇلداپ32مانا يەنە بىركۈن ئۆتتى مىڭ تەستە33يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ
+ 写一段解读
无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。

一起聊聊

0 条主评论

第一段感受,也许就来自你。

无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。