LYRICS / WORDS THAT RESONATE

Sowghatliq Ketmen歌词

AThree · Eng Az,Eng Ras

参与歌词讨论 · 无需登录 ↓
01سوۋغاتلىق كەتمەن↗02AThree - Arslan↗03تېكىسىت كىرىشتۈرگۈچى:گۈلگىنە ئابدۇللا↗04ئۇ ئېسىنى بىلسە دادىسىنىڭ قولىدىن كەتمەن چۈشمەيتى↗05ئۇ ئىتىز بويىدا ئوينايتى دادىسى ئىتىزدا ئىشلەيتى↗06مەھەللىسدىكى لاي ئېتىپ ئوينايدىغان باللارغا ئۇ ئوخشىمايتى↗07رادىئو ئۈنئالغۇلارنى بۇزۇپ قۇراشتۇرۇپ توختىمايتى↗08ئۆيدە بىر كۈن توك توختىغان توك سىمىنى ئۈزىۋەتكىنىگە↗09دادىسىدىن ھارغىچە تاياق يىگەنتى تېلىۋىزورنى بۇزىۋەتكىنىگە↗10ئۇ ئاستا ئاستا چوڭ بولدى كىتاب كۆرۈشكە ئامراق بولدى↗11شۇنىڭدىن تارتىپ دادىسىنىڭ ئۇنى ئۇرىدىغان كالتىكى تومىراق بولدى↗12خىيالىدا نۇرى بولۇپ سەبىھەنى قۇتقۇزاتتى↗13دادىسى شۇ چاغدا بېشىغا ئۇرۇپ قولىغا كەتمەن تۇتقۇزاتتى↗14ئۇ ئويلايتى، ئەتراپىمىزدا تۆمۈر خەلپىلەر جىق دەيتى↗15ئاپىسى چايخانىدا ۋاقىرايتى تېز ئېتىزغا چىق دەيتى↗16كىتابنى ھەر يەرگە ئېلىپ كىرەتتى ھەتتا ئات ئېشەك ئېغىلىغا↗17ئوقىشى مەكتەپتە بىرىنجى ئىدى ھېچكىم بېرىپ باقمىغان ئاتا ئانىلار يىغىنىغا↗18تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ساقلىدى ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە مېڭىشىنى↗19كىم ئويلىغان بىرىنجى چاقىرىقىنىڭ ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ئەلەم بېرىشىنى↗20ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت↗21يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن↗22توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى↗23قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى↗24ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت↗25يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن↗26توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى↗27قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى↗28چاقىرىقتىكى مەكتەپ ئىسمىدىن 6000 يۈئەن دېگەن خەت چوڭراقتى↗29ئۇلارنىڭ بارلىق مۈلىكى تۆت مو ئېتىز ئالتە تال ئوغلاقتى↗30بۇ ئائىلىنىڭ دەردىگە قاراپ باشقىلار ئاچچىق كۈلىدۇ↗31بالىنىڭ ئوقۇغۇسى بار بۇنى ئۆيدىكىللىرى ئوبدان بىلىدۇ↗32" بالام " دېدى دادىسى "تۆت يىلغا ئۆينى ساتىدىغان گەپ↗33ئۇ يەتمىسە قوينى ئاندىن قاننى قاتىدىغان گەپ↗34ئوقىمىغىن، ساڭا شەھەردىن ياخشى ئىش تېپىپ بېرىمە↗35رايىڭ بولسىلا يىل ئاخىرىدا ساڭا خوتۇنمۇ ئېلىپ بېرىمە "↗36ئۇنىڭ كۆڭلىدە كۈرمىڭ سۆز بار ئەمما بىرنىمۇ دېيەلمەيتى↗37ئادەم يوق يەردە قاتتىق ۋارقىراپ ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيتى↗38ۋاقىت توشتى، باشقىلار ئوقۇش يولىغا چىقتى↗39ئوڭۇشلۇق ھالدا كەتمەن يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىغا چىقتى↗40مىللىتىمىز زىيالىلىرىغا بەك كۆپ سۇغۇق سۇ سەپتى↗41بىزدىكى نىيوتون ئېينىشتىيىنلار دېھقانغا ئايلىنىپ كەتتى↗42شۇ ھالىمىزغا ئۇيغۇرنى ئىلغار دېسەك قاملىشامدۇ؟↗43كەتمەن ئۇدۇم بولاۋېرەمدۇ؟ ئورنىغا كىتاب ئالمىشامدۇ؟↗44ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت↗45يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن↗46توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى↗47قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى↗48ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت↗49يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن، ھېكايىنى مەن↗50توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى↗51قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى↗
+ 写一段解读
无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。

一起聊聊

0 条主评论

第一段感受,也许就来自你。

无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。