01作词 : Sirkul/Perwer↗02 作曲 : Tor↗03« ئانا ! سىز بولغاچ / ئانىسىز بولغاچ »↗04( HayatFM saloni )↗05Nutul :↗06ئانا ! سىز بولغاچ ئاڭلىغانمەن تۇنجى ئەللەي ناخشىسىنى↗07يۈرەكنى تىترەتكەن ئاشۇ پەرىشتە نالىسىنى↗08پەرىشتىمۇ ئايار بەلكىم بالىسىدىن كۆز قارىسىنى↗09لىكىن ماڭا كۆرسەتمەيتتى ئانام قىلچە يارىسىنى↗10ئانا ! سىز بولغاچ ئايرىغانمەن يالغاننى ھەقىقەتنى↗11بىلىپ ئسىل پەزىلەتنى ھەمدە مېھىر -مۇھەببەتنى↗12ئۆگەنگەن شۈكرى قانائەتنى ھەمدە ئەقىل ـ پاراسەتنى↗13پەقەت سىزنىڭ چېھرىڭىزدىن تاپىمەن شۇ نۇرـ ساباھەتنى↗14ئانا ! سىز بولغاچ قىسىلـمىدى بوينۇم يات ئالدىدا قەددىم رۇس↗15يىقىلغىنىم ھەقىقەت لىكىن ئالغان قەدىمىمدۇر دۇرۇس↗16 كىچىكىمدە ئارزۇيۇمتى بولسام ئاسماندا يۇلتۇز↗17 سىز بولغاچقا يۇلتۇز ئەمەس بولدۇم ئەڭ چاقناق قۇندۇز↗18 ئانا ! سىز بولغاچ ھاياتىمغا تۈۋرۈك بولىدىغان تېغىم بار↗19چىرايىمدىن كۈلكە كەتمەس شاد بەختىيار چېغىم بار↗20ھەرقانچە بوران چاپقۇندىمۇ مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ↗21 تۆت پەسىلدە غازاڭ ئۇچماس مېنىڭ ھايات بېغىم بار↗22ئانا ! سىز بولغاچ قورقىتالـماس مېنى زىمىستان يا تومۇز↗23 چۈنكى سىز بولغاچقا بولىدۇ ماڭا ھەرۋاخ نورۇز↗24پەرىشتەم با شۇڭا بېزەلدى گۈلدە ھاياتتىكى تورۇس↗25 بۇرۇچۇمدۇر تورۇسقا ئېسىلىپ ماڭا زىيا بولۇپ يورۇش↗26 ئانا ! سىز بولغاچ بىلەلـمىدىم زادى نىمىدۇر ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇش↗27 ھەتتا ياقا يۇرتلارمۇ بىلىندى ماڭا شۇنچە تونۇش↗28مېھىرلىك قولىنى سۇنۇش ئەڭ ئاددى ئىنسانىي خۇرۇچ↗29ھاياتىمدىكى ئەڭ زور بۇرۇلۇش سىزنىڭ ئوغلىڭىز بوپ تۇغۇلۇش↗30ئانا ! سىز بولغاچ كۆڭلۈم توق كۆزۈم توق ئۆزۈم توق↗31 يامانغا بوزەك ئەمەس ھەم يۇۋاشتا سۆزۈم يوق↗32جىسمىڭىزدىن ماڭا ئۇدۇن قالغىنى سىزدىكى قەيسەر روخ↗33قىلار زوق شۇڭا ماڭاخەق ھەسەت ئارلاش ھەۋەس بىلەن↗34ئانا!سىز بولغاچ بوينۇمغا مېنىڭ تىلتۇمارنىڭ نە كېرىكى↗35بىرئۆمۈر تىل تۇمارىم ئانا بىلسىڭىز سىز مېنىڭكى↗36تىلىگىنىم پەقەت ئانا تېنىڭىزنىڭ سالامەتلىكى↗37مەنچە بۇ بارلىق پەرزەنت بولغىچىنىڭ يۈرەك تىلىكى↗38Perhat Gheni :↗39ئاسماندىكى تولۇن ئاي ئانام سىز ئانام↗40زەم ـ زەم سۈيى بۇلاقتەك ئانام سىز ئانام↗41مېنىڭ سۇنغان دىلىمغا مېھرىڭىز بىلەن↗42قۇياش كەبى نۇر چاچقان ئانام سىز ئانام↗43Perwer :↗44مېنىڭ ئۈچ ئانام بار بىرسى چوڭ ئانام بىرسى ئۆگەي ئانام مەن ئۇلارنىڭ بالىسى↗45گەپ تامام ۋەسالام ھاسىل كالام جىق گەپ سورىما يۈرەكتە قالىدۇ گەپنىڭ چالىسى↗46ئەگەر دادام ئاق ئانام قارا رەڭ بولسا مەن نەق ئوتتىرىدىن چىققان شولىسى↗47بەزى ئىشلارغا ئامال يوق تەغدىر چاقچىقى دەيمىز بەلكىم ئىگىسىنىڭ يەتمىگەچ ماڭا چولىسى↗48قىسقىسى تىزلىناي موما ساڭا باش قويۇپ ئايىغىڭغا قىلاي تۈمەن تازىم↗49ھېرىپ قايتسام ئۆيگە سەن قۇيغان بىر سىركاي ئەتكەن چاي لازىم↗50ئاچ قالـمىدىم باقار كۈچۈم تىرىشتى نەۋرەڭ بىكار ئۆتمىدى قىش كۈز ياز باھار يازىم↗51ياش تۆكەر خەق يار ئۈچۈن بۇ مېنىڭ سېنى سېغىنىپ چالغان ھىجران سازىم↗52ئاڭلىدىڭمۇ جان ئانا جېنىم ئانا↗53رازى بول ئوغلۇڭدىن باش قوياي ساڭا↗54قۇچاغلا ئۇ ئۆز ئاناڭ تەشنا سۈتۈڭگە ئوغلۇڭ كەلدى ئۆتىنەي ماڭا بىر تامچە بەر↗55ئۇچىدا كىيمى يالاڭ دەشنام ئۈستىگە تۇغۇلدى جازاسى ئۇنىڭغا سەكسەن قامچا بەر↗56ياكى بىر ئارغامچا بەر↗57بەلكىم باغلايدۇ بەلگە↗58يۈزۈڭنى تۆكمەيدۇ ئەمما بەلكىم سالىدۇ گەلگە↗59ئانا رازى بول شور پىشانە ئوغلۇڭدىن تەغدىر قىستىسا يارغا كېلىدىكەن دۈشمەن ئۇدۇلۇڭدىن↗60ساق بولسام سالامەت بولسام باش كۆزۈم تېنىم↗61ئەينەككە قاراپ ئەسلەيمەن قاش كۆزۈم سېنىڭ↗62بېشىمنى قويغۇم باتى ئاق باسقان كۈمۈش چاچلىرىڭغا↗63بىر يەپ تويغۇم باتى بىر چۆمۈچ زاغرا ئاشلىرىڭغا↗64ئوتنىڭ ئۇچىنى سۇنىڭ سۈزىكىنى بېقىپ چوڭ قىلغان سېنى ئانام دەيمۇ↗65تاغدەك يۆلەنچىكىم سېنى زۇلپىقارىم ئاتام دەيمۇ↗66Perhat Gheni :↗67يىراققا ئۇچقان كەكلىكتەك ئانام سىز ئانام↗68بوينۇمغا تۇمار ئاسقان ئانام سىز ئانام↗69مېنى كۆككە ئۇچسۇن دەپ شاھتەك پەلەك چىقسۇن دەپ↗70كۆز ياش بىلەن دۇئا بەرگەن ئانام سىز ئانام ...↗ + 写一段解读称呼(可选)你的歌词解读无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。提交解读 一起聊聊0 条主评论 第一段感受,也许就来自你。 可以直接提交评论与回复。启用 JavaScript 后,可收起回复或每次查看更多 10 条;以下链接可翻阅主评论。 称呼(可选)分享你的理解与感受无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。提交评论 ↗