01作词 : ozhal↗02作曲 : ozhal↗03编曲 : ozhal↗04 چىرايلىق↗05كۈننىڭ ئاپتاپ يۈزىدە جامالىڭىز چىرايلىق،↗06تۈننىڭ تولۇن كۆزىدە ھىلالىڭىز چىرايلىق.↗07كىمگە ئايان بولغۇسى مېنىڭ تەھتىسارايىم،↗08يەردىن يىراق ئەرشىڭىز-قارالىڭىز چىرايلىق.↗09ئاسمان-پەلەك ئۆرلىدى يۈرەكتىكى ئوتىڭىز،↗10ئاشىقلىقنىڭ شەرھىگە مىسالىڭىز چىرايلىق.↗11دەريالىرىم مۆلدۈرلەپ قەترىڭىزگە چاڭقىدى،↗12لېۋىڭىزنىڭ چەشمىسى-زىلالىڭىز چىرايلىق.↗13چۆللىرىمنىڭ كۆزلىرى بارخان-بارخان قاغجىراق،↗14چىمەنلەردە ئاق ئەترە خىيالىڭىز چىرايلىق.↗15ئۇچۇپ كەتكەن غايىبتىن توقۇلىدۇ مۇھەببەت،↗16چۆچەكلىرىم ئەگىگەن نىھالىڭىز چىرايلىق.↗17چىداپ تۇرۇپ ئۆزۈمگە پىچىرلايمەن ئازابلىق:↗18ھىجرانىڭىز سۆيۈملۈك، ۋىسالىڭىز چىرايلىق!↗ + 写一段解读称呼(可选)你的歌词解读无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。提交解读 一起聊聊0 条主评论 第一段感受,也许就来自你。 可以直接提交评论与回复。启用 JavaScript 后,可收起回复或每次查看更多 10 条;以下链接可翻阅主评论。 称呼(可选)分享你的理解与感受无需登录,内容审核后公开。请勿留下联系方式。提交评论 ↗