
Yarim Degeysen New
作词 : 哈密十二木卡姆选段
作曲 : 哈密十二木卡姆选段
编曲 : Alijan Aksopa
يارىم دېگەيسەن
قومۇل 12 مۇقامىدىن ئارىيە
ئاۋاز ئۈنۈم:ئەلى ئاقسوپا
باغدا بىر گۈل بار ئىدى ئالتۇن باھالىق گۈل ئىدى
تۈگمىسى ئېچىلمىغان يارىمغا لايىق گۈل ئىدى
جېنىم جېنىمەي باپتا كۆينەكلىك جۇگان
ئەجەپ يامان دەردى بار
شايى كۆينەكلىك جۇگان جېنىمەي
مۇزىكا
سىز خېنىم يامانلىماڭ ياخشى ياماننى كىم بىلۇر
ئىككى ياخشى بىر بولۇپ چۆلنى تېرىسا گۈل ئۈنۇر
جېنىم جېنىمەي باپتا كۆينەكلىك جۇگان
ئەجەپ يامان دەردى بار
شايى كۆينەكلىك جۇگان جېنىمەي
مۇزىكا
قاشلىرىڭ قارا قارا كىرپىكلىرىڭ زىرۇ زىۋەر
يار ئوتۇڭدا مەن كۆيەرمەن سەن يۈرۈيسەن بىخەۋەر
ئا...بى يارىم دېگەيسەن ئا بى...جانىم دېگەيسەن
قاشنى قاشقا ئۇلىسا بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەك
يېڭى يار تۇتقان كىشى سەۋدايى ئاغرىق بولغۇدەك
ئا...بى يارىم دېگەيسەن ئا بى...جانىم دېگەيسەن
مۇزىكا
كۆيىمەنا كۆيىمەن قاشى قاراغا كۆيىمەن
قاشىنىڭ قاراسىدىن جاننى ئالارغا كۆيىمەن
ئا...بى يارىم دېگەيسەن ئا بى...جانىم دېگەيسەن
مەن يۈزۈڭنى ئاي دېسەم كۆزلىرىڭ يۇلتۇز ئىكەن
ساچىڭنى سۇمبۇل دىسەم قاشلىرىڭ قۇندۇز ئىكەن
ئا....بى يارىم دېگەيسەن ئا بى....جانىم دېگەيسەن
مۇزىكا
يار كېلىپ ئالدىمدىن ئۆتسە قاپقارا مۇڭلار ماڭا
چۆرىلىپ ئالدىمغا كەلسە تار كېلەر دۇنيا ماڭا
ئا....بى يارىم دېگەيسەن ئا بى....جانىم دېگەيسەن
ئا....بى يارىم دېگەيسەن ئا بى....جانىم دېگەيسەن