
00:00
02:32
intizar(Pianino Version)
歌词
相关信息
作词 : Habibi
作曲 : Ozlaxturulgan
编曲 : Alijan Aksopa
ئىنتىزار
شېئىرى مۇھەممەت مەسئۇد ھەبىبى
مۇزىكىسى ئۆزلەشتۈرۈلگەن
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
ھەرقاچان كۆزۈم يولۇڭغا ئىنتىزار
كەلگىنە جانىم سەن بىلەن قەلبىم باھار
ھەرقاچان كۆزۈم يولۇڭغا ئىنتىزار
كەلگىنە جانىم سەن بىلەن قەلبىم باھار
سەن شېرىن زەبان سەن جانۇ جاھان
مەن يىگانە ئاشىقىڭمەن بىقارار
مەن ئەگەر سېنى جانىم دىسەم
بولغىن بىر ئۆمۈر يارىم دىسەم
كۈيلەپ قانمايدۇ تىل سېنى مىڭ كۈيلىسەم
ھەر قاچان كۆزۈم يولۇڭغا ئىنتىزار
مۇزىكا
كۆزلىرىڭنىڭ كويىدا گەدامەن
غۇنچىسى گۈلىسەن بېغىمنىڭ
ساچلىرىڭ ئىپارىدىن ئەدامەن
ئەركىسى ئاھۇسىسەن تېغىمنىڭ
گۈل بوپ ئېچىلغىن كۈيگە قېتىلغىن
باغى يوق باغۋەندىن ئەيلىمە مېنى
يالغۇز قويما مېنى
مەن ئەگەر سېنى جانىم دىسەم
بىر ئۆمۈر ۋاپادارىم دىسەم
تەرىپ تېپىلمىغاي سېنى سۆيىمەن دىسەم