
Heyir Dilbirim
作词 : Ezizjan Yimit
作曲 : Ezizjan Yimit
خەيىر دىلبىرىم
ئەلى ئاقسوپا
كۈلكىلەردىن مەھرۇم مەن كۆڭلۈم پەرىشان
ئۇشبۇ ھەسرەت ئازاپقا كىم بولار دەرمان
سۇلدى گۈلۈم شاتلىقىم ئۇچتى يىراققا
دىلنى ئەزگەن كەچمىشلەرئۇنتۇلماس ھامان
سۇلدى گۈلۈم شاتلىقىم ئۇچتى يىراققا
[01:15.5]دىلنى ئەزگەن كەچمىشلىرىم ئۇنتۇلماس ھامان
ئوماق ئىدىڭ گۈزەلىم سۆزلەرىڭ شېرىن
مەن ساڭا بەك ئامراق جېنىم دەپ بىلگەن
خارلىدىڭ ئەقىدەمنى يۈرەك باغرىمنى
[01:44.2]نازىڭ بىلەن ئېيتقان ۋەدەڭ قېنى
خارلىدىڭ ئەقىدەمنى يۈرەك باغرىمنى
نازىڭ بىلەن ئېيىتقان ۋەدەڭ قېنى
ئالدىساڭمۇ قار كەبى ئاپئاق دۇر دىلىم
چىن سۆيگۈگە ئاتالغان مېنىڭ كۈيلىرىم
ئالدىساڭمۇ قار كەبى ئاپئاق دۇر دىلىم
چىن سۆيگۈگە ئاتالغان مېنىڭ كۈيلىرىم
گۈل گىياھسىز باغلىرىم قالدى مۇڭ بىلەن
مەن باھارنى كۈتەي ئەمدى خەيىر دىلبىرىم
ئەمدى سېنىڭ چېھرىڭنى ئالماسمەن ئەسكە
ئۆتمۈش بولدى مۇھەببىتىم كەتسۇن كەلمەسكە
گۈل گىياھسىز باغلىرىم قالدى مۇڭ بىلەن
مەن باھارنى كۈتەي ئەمدى خەيىر دىلبىرىم