
Sen Yoq Yerde你已离去
作词 : Muhemmedjan Rashidin
作曲 : Ablikim Ablet
编曲 : Keramjan MamatEli
سەن يوق يەردە
ئۈنۈملىگۈچى ئەلىجان ئاقسوپا
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
ئىگىز تاغدىن باھار ئەجەپ بالدۇر كېتەركەن
باھار كەتسە كەچكۈز ئەجەپ بالدۇر كېلەركەن
ئاتا كەتكەن ھويلىلارغا غېرىپلىق يىتىپ
باللىرى يىتىم بولۇپ تىينەپ يۈرەركەن
ئاتا كەتكەن ھويلىلارغا غېرىپلىق يىتىپ
باللىرى يىتىم بولۇپ تىينەپ يۈرەركەن
مۇزىكا
چىنار سۇنسا ياپراقلىرى شۇئان سۇلىشار
ئاتا سەن يوق ئۆيىمىزدە بوران ھوۋلىشار
چىنار سۇنسا ياپراقلىرى شۇئان سۇلىشار
ئاتا سەن يوق ئۆيىمىزدە بوران ھوۋلىشار
يۈگرەپ چىقسام باغدا سەن يوق ئېتىزدا سەن يوق
ئانام بىلەن ماڭا شۇئان يىغا ئوۋلىشار
يۈگرەپ چىقسام باغدا سەن يوق ئېتىزدا سەن يوق
ئانام بىلەن ماڭا شۇئان يىغا ئوۋلىشار
مۇزىكا
دېرىزەمدىن چۈشكەن ئاپتاپ ساڭا ئوخشايدۇ
ئاپتاپ كۆرمەي سۇنغان گۈللەر ماڭا ئوخشايدۇ
دېرىزەمدىن چۈشكەن ئاپتاپ ساڭا ئوخشايدۇ
ئاپتاپ كۆرمەي سۇنغان گۈللەر ماڭا ئوخشايدۇ
قانداق ئېيتاي سەن يوق يەردە بەختىمنى باردەپ
بىلەلمىدىم كۆزياشلىرىم قاچان توختايدۇ
قانداق ئېيتاي سەن يوق يەردە بەختىمنى باردەپ
بىلەلمىدىم كۆزياشلىرىم قاچان توختايدۇ