
Bahtim Ozung (你是我的幸福)
编曲 : Abdusami Abduwali
بەختىم ئۆزۈڭ
بەختىم ئۆزۈڭ تەختىم ئۆزۈڭ،
بۇ سۆيگۈدە ۋەسلىم ئۆزۈڭ.
گۈزەل بۇ ئالەم سەن بار ئۈچۈن،
مىنىڭ ھاياتىم قەدرىم ئۆزۈڭ.
پەخرىم ئۆزۈڭ قەلبىم ئۆزۈڭ،
مەڭگۈ باھار پەسلىم ئۆزۈڭ.
دىلىمدا سەن جىنىمدا سەن،
نەدە بولاي يېنىمدا سەن.
پەيدا بولارسەن ئويلاپ مىنى،
مەن سېغىنغان چېغىمدا سەن.
ئۆمرۈم ئۆزۈڭ سۆيگۈم ئۆزۈڭ،
مىنىڭ شېرىن تۇيغۇم ئۆزۈڭ.
بۇ چىن مۇھاببەتتىن ياڭرىغان،
مەڭگۈ ئۈزۈلمەس كۈيۈم ئۆزۈڭ.
يار ئىككىمىزگە مىھرۇ ۋاپا،
ئۆمرۈم ئۆزۈڭ سۆيگۈم ئۆزۈڭ.
پەرۋانىسەن ئاۋارىسەن،
ئىشقىمدا ھەرئان سەكپارىسەن.
بولغاچ دىلىڭدا بىرلا ئۆزۈم،
سەن ھەم ماڭا يىگانىسەن.
بەختىم ئۆزۈڭ تەختىم ئۆزۈڭ،
بۇ سۆيگۈدە ۋەسلىم ئۆزۈڭ.
گۈزەل بۇ ئالەم سەن بار ئۈچۈن،
مىنىڭ ھاياتىم قەدرىم ئۆزۈڭ.
پەخرىم ئۆزۈڭ قەلبىم ئۆزۈڭ،
مەڭگۈ باھار پەسلىم ئۆزۈڭ.
بارىم ئۆزۈڭ زارىم ئۆزۈڭ،
مىنىڭ ھاياتىم يارىم ئۆزۈڭ.