Dilbar Ababekri歌曲封面
00:00
05:01
🔊

Aqa - Singil/姐妹

专辑
Aqa - Singil/姐妹
发行日期
2024-05-05
流派
暂无
时长
05:01
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

ئاچا باغدا پۇتۇمغا تىكەن سانجىلىپ يىغلىسام

سىزمۇ يىغلىدىڭىزغۇ

سىزنىڭمۇ پۇتىڭىزغا تىكەن سانجىلدىمۇ

ياق سىڭلىم سىزنىڭ پۇتىڭىزغا سانجىلغان تىكەن

مېنىڭ يۈرۈكۈمگە سانجىلدى

سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن ياش ئاقسا

مېنىڭ يۈرۈكۈمدىن قان ئاقدۇ سىڭلىم

ئاچا - سىڭىل

شېئىرى قۇربان ئوسمان قوزام

مۇزىكىسى ئاكورتلاشتۇرغۇچى شۆھرەت رېھىم

ئاۋاز ئالغۇچى سۈرئەت غەيرەت سەركۈي ستۇدىيەسى

تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد

يادىڭدا بارمۇ مېھرىبان ئاچا

چېچىمنى ئۆرۈپ تارىغانلىرىڭ

باغدا قولۇمغا تىكەن كىرگەندە

باغرىڭغا بېسىپ يىغلىغانلىرىڭ

يادىمدا مېنىڭ جان جىگەر سىڭلىم

تىكەننى ئېلىپ باغرىمغا باسسام

سېنىڭ قولۇڭمۇ ئاغرىدىمۇ دەپ

يېشىمنى سۈرتكەچ سورىغانلىرىڭ

مۇزىكا

سايىۋەن بولدۇڭ قار جۇدۇنلاردا

چىچەگىمگە ئۈشۈك ئۇرغۇزماي

باغۋىنىم بولۇپ ئۆستۈردۈڭ مېنى

گۈل بەرگىمگە توزان قوندۇرماي

ئاپپاق ئاي سىڭلىم سەنمۇ چوڭ بۇلدۇڭ

ماڭا يار – يۆلەك قول – قانات بولدۇڭ

قان قېرىنداشلىق مېھىر ۋاپانى

قەلەم - قەغەزسىز كۆكسۈمگە ئويدۇڭ

مۇزىكا

بىرىمىز رەيھان بىرىمىز لالە

چىمەنزار باغنىڭ بىر جۈپ گۈلىبىز

قەلبىمىز زىلال ھۆسنىمىز ھىلال

قوشماق قوشكېزەك ئاچا – سىڭىل بىز

بىرىمىز رەيھان بىرىمىز لالە

چىمەنزار باغنىڭ بىر جۈپ گۈلىبىز

قەلبىمىز زىلال ھۆسنىمىز ھىلال

قوشماق قوشكېزەك ئاچا – سىڭىل بىز

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。