
00:00
04:08
Wedimiz Wede/一言为定
歌词
相关信息
作词 : Ezimet Exmet Taran
作曲 : eliaqsopa
编曲 : Perhat Gheni
ۋەدىمىز ۋەدە
تەرجىمان: ئەزھەرجان مەھمۇد
ئاۋاز ئۈنۈم:ئەلى ئاقسوپا
چالغۇلاشتۇرغۇچى:پەرھات غېنى
گۇۋاھچىدۇر تۇلۇن ئاي بىزگە
بۇزۇلمىسۇن ۋەدىمىز ۋەدە
كۆز تەگمىسۇن چىن رىشتىمىزگە
ئۇزۇن بولسۇن ۋەدىمىز ۋەدە
كۆز تەگمىسۇن چىن رىشتىمىزگە
ئۇزۇن بولسۇن ۋەدىمىز ۋەدە
مۇزىكا
يۇلتۇزسىراپ قالمىسۇن تۈنلەر
سىزسىز خوشال ئۆتمەيدۇ كۈنلەر
مۇھەببەتكە تويۇنغان كۈيلەر
ئۈزۈلمىسۇن ۋەدىمىز ۋەدە
مۇھەببەتكە تويۇنغان كۈيلەر
ئۈزۈلمىسۇن ۋەدىمىز ۋەدە
مۇزىكا
ئەي ... بېغىمدىكى بىر گۈل ئۆزىڭىز
تارقىلىدۇ گۈلدەك ھىدىڭىز
ئەسلىدىنلا مېنىڭ ئىدىڭىز
ئايرىمىسۇن ۋەدىمىز ۋەدە
بەخت تامان ماڭىمىز بىللە
شۇ بەختكە بارىمىز بىللە
ۋاپا بىلەن باسقان قەدەملەر
توختىمىسۇن ۋەدىمىز ۋەدە
سورىسىڭىز گەر ساداقەت نەدە
ئۇ بىزدىدۇر ۋەدىمىز ۋەدە