Mominjan Ablikim歌曲封面
00:00
03:36
🔊

MUHEBBET

专辑
ERKEK YIGHLAYDU《男人的哭泣》
发行日期
2017-11-14
流派
暂无
时长
03:36
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作曲 : ئەسقەر مۇختار

مۇھەببەت

مۆمىنجان ئابلىكىم

سۆزى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختار

مۇھەببەت شامدىنى شامسىز

قالالماس ھېچقاچان جانان

پەلەك بەرگەن مېھىر بىرلە

ئۇلۇغلۇق تاپقۇسى ئىنسان

تاپار مەجنۇن كىزىپ ئۆتكەن

باياۋان چۆلنى چىن ئاشىق

كۆمەلمەس چۈنكى بۇ سۆيگۈ

ئىزىنى ھىچ شامال بوران

…مۇزىكا…

ئۇدۇم بوپ قالدى كۆڭلۈمدە

مۇھەببەت جامىغا ھىرىسلىك

بوۋام ئىچكەن ئىدى چۈنكى

بۇ جامنى تولدۇرۇپ چەندان

غولام بولماقنى ئىستەيدۇ

مۇھەببەت ئەھلىگە كۆڭلۈم

تىگىشمەسمەن بۇ دۆلەتنى

قېشىمغا كەلسىمۇ سۇلتان

…مۇزىكا…

رىيازەت ئوتىدا تاۋلا

يۈرەكنى دەر ئىدى پەرھات

شۇ تەلىم دىلداجا بولغاچ

ئوقۇرمەن يۈز تۈمەن شۈكىران

ئاقار تارىم سۈيى بىر كۈن

كۈمۈشتەك يالتىراپ ئەركىن

ۋىسال مەۋجىدە ئۆتكۈرمۇ

بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان

ۋىسال مەۋجىدە مەنمۇ

بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان

ۋىسال مەۋجىدە مەنمۇ

بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان

(تېكىست تەھرىرى: ئالىمجان)

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。