
00:00
03:01
Yarnig Chehri
歌词
相关信息
مانا يەنە مۇڭلۇنۇپ ھەم خوشاللىقتىن كۈلدى بۇ يۈرەك،
مانا يەنە بۇ كۈيلەردىن چىن سۆيگۈنى بىلدى بۇ يۈرەك،
ئىشەن يارنىڭ سۆزلىرىگە ساڭا بېرەر بولسا زوق كېرەك،
تۇرمۇشۇڭغا مەنا بېرەر ئۈمۈدلەردىن يەتكۈزۈپ بەخىتتىن ھەم يەتكۈزۈپ دېرەك،
كۈيلەردە بولدۇم مەس ، قەلبىمنى بىلىش تەس
گۈلمۇ ھەم كېرەك ئەمەس،
يارنىڭ ۋەسلى بولسا يېتەر بەس
كۈيسىز كۈن كۈن ئەمەس
مۇڭسىز تۈن تۈن ئەمەس
شېرىن سۆزلەرمۇ ئەمەس يارنىڭ چېھرى بولسا يېتەر بەس
ئاشىقلارغا بولدى بۇ تۈن تولغان سۆيگۈ ھىدىغا باغ يەنە ،
سايراشقا بۇ گۈزەل باغدا كۆپ بۇلبۇللار قونماقتا ئەنە،
كەلگىن جانان تۇت قولۇمنى چىن سۆيگۈمىز تاپسۇن ھەم كامال ،
بۇ قەلبىمنى پەقەت سېنىڭ خۇشبۇي ھىدىڭ، شېرىن ۋەسلىڭ قىلالار قامال.