
阿图什婚礼现场歌(AtuxToyNahxisi)
作词 : Halik
作曲 : halik
编曲 : Umut
歌词滚动:Abdugeni Anwar
ئۈرۈمچىدىن يانغۇچە يارىم
ئاقسۇدا قونۇپ قالدىم
ئۈرۈمچىدىن يانغۇچە يارىم
ئاتۇشتا قونۇپ قالدىم
سەن يارىمنىڭ دەردىدە
ناخشچى بولۇپ قالدىم
سەن يارىمنىڭ دەردىدە
سازەندە بولۇپ قالدىم
ئاچا جىنىم ئاچا جىنىم ئا مايساچا
ئاچا ئاچا جىنىم ئاچا مىنى بىقىۋالساڭچۇ ئاچا
ھويلاڭدىكى ئۈجمەڭگە شاخ ئىتىۋالساڭچۇ ئاچا .
يا ئۇيان ئۆتەشىم با يابۇيان ئۆتەشىم با
سەن قارمىساڭ يارىم قۇرغۇيدەك ئاداشىم با
ئاچا جىنىم ئاچا جىنىم ئا مايساچا
ئاچا ئاچا جىنىم ئاچا مىنى بىقىۋالساڭچۇ ئاچا
ھويلاڭدىكى ئۈجمەڭگە شاخ ئىتىۋالساڭچۇ ئاچا .
ئاتۇشۇمنىڭ يولىغا جىرىم قويدۇم بويىغا
ئىشىق ئوتتى سىلىپ قويدى قارا قاشنىڭ كويىغا
قارا قارا قاشلىغىم قارا سۇمبۇل چاچلىغىم
دىلئارامۇ يارىم سەن كۆڭلۈمدىكى شاتلىغىم
سىنىڭ ھويلاڭدىكى تىرەك مىنىڭ ھويلامغا ئەگىدۇ
ساڭا كۆيگەن بۇ يۈرەك قاندا قىلسام سەگىدۇ
قارا قارا قاشلىغىم قارا سۇمبۇل چاچلىغىم دىلئارامۇ يارىم سەن كۆڭلۈمدىكى شاتلىغىم
يارىم سەن نىگارىم سەن كۆڭلۈمدىكى يارىم سەن
ئاخشىمى كىچەلەدە ياندۇرغان چىراغىم سەن
ئۇينايلى ھەردەم باغدا ئارداۋ چىڭدا خاڭچىڭدا
چىدىماي قالىسەن شۇ چاغدا
مەن دىمىدىمۇ دىمدىمۇ دىمىدىمۇ ئۆزەڭ چىدىمايسەن دىمدىممۇ ئۆزەڭ چىدمايدەن دىمدىمۇ
يارىم بارمىغان تويغا مەن سورماي بارالمايمەن
يارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك چاي قۇيۇپ ئالالمايمەن
ئۇينايلى ھەردەم باغدا ئارداۋ چىڭدا خاڭچىڭدا
چىدىماي قالىسەن شۇ چاغدا
مەن دىمىدىمۇ دىمدىمۇ دىمىدىمۇ ئۆزەڭ
چىدىمايسەن دىمدىممۇ ئۆزەڭ چىدمايدەن دىمدىمۇ.
بىزكىرگەن قومۇشلۇققا يولۋاسمۇ كىرەلمەيدۇ
بىز سۆيگەن گۈزەل يارنى نادان بالا سۆيەلمەيدۇ
ئاھ ئۇكىجان مىجەزىم با باراي دىسەم مادارىم يوق
ئايدىن چىرايلىق ئوينايلى ھەي دوسلار
كۈندىن چىرايلىق كۈلەيلى جان دوسلار
باغدا ئاچىلغان ئوينايلى ھەي دوسلار
گۈلدىن چىرايلىق كۈلەيلى ھەي دوسلار
ئالتۇندەك ياشلىق ئوينايلى ھەي دوسلار
مىسكىن كۆڭۈلەر ئوينايلى جان دوسلار
قەدەملىرمىزدىن ئوينايلى ھەي دوسلار
ئاچىلسۇن گۈلەر كۈلەيلى جان دوسلار
ئىشىك ئالدىڭدا ماي يول يوقكەن ماڭغىم كەلمەيدۇ
ۋاپاسى يوق يار بىلەن يۈگۈم كەلمەيدۇ
ئاخشىمى بولسا يارنى ئويلاپ ئۇيقۇم كەلمەيدۇ
ئەتىگەندە چىڭىق چۈشكىچە قوپقىم كەلمەيدۇ
سەن بولمىساڭ بولامايدۇ زادى بولمايدۇ
مەن بولمىسام يىنىڭدا زادى بولمايدۇ
بەشمو يەرگە قوغۇن تىرىدىم ناۋاتىن تاتلىق
ئاتۇشۇمدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق
بەشمو يەگە تاۋۇز تىرىم ناۋاتىن تاتلىق
قەشقىرىمدە بىر يارىم با ئامانگۈل ئاتلىق
سەن بولمىساڭ بولامايدۇ زادى بولمايدۇ
مەن بولمىسام يىنىڭدا زادى بولمايدۇ
سەن قەشقەدە مەن ئاتۇشتا ئۇينايمەن
ئامانگۈلۈم ئامانمۇ دەپ توۋلايمەن
كىچە كۈندۈز جامالىڭنى سىغىنىپ يارىم ئامانگۈل
ئىسمىڭىزنى ناخشام بىلەن توۋلايمەن
باققا كىردىم شوراڭدىن ئادىلە
بىرتال ئۈزدۈم غوراڭدىن ئادىلە
تۆت تال ئالدىم غوراڭدىن ئادىلە
قينئانام يامان خوتۇن ئادىلە ئادىلە
ئايرىۋەتى سەن يادىن ئادىلە
ئادىلە ئادىلە تومىلاق تومىلاق ئادىلە
ئادىلە ئادىلە تومىلاق بوتىلاق ئادىلە