
Kari Yoh
作词 : Alimjan Tohti
作曲 : Jurat Tursun
编曲 : Dilbar Ababekri
ئول جاناننىڭ دەردىدە
يۈرۈگۈمنىڭ ھالى يوق
سۆيۈپ قېلىپ دەرتكە دەرتلىكمەن
كۆڭلى يوقنىڭ كارى يوق
ماڭا بولدى بولغۇلۇق
كۆيسەم يارنىڭ كارى يوق
كارى كارى كارى
كارى يوق كارى يوق
دائىم سېغىنىپ تۇرسام
دەردىدە بىمار بولسام
مەيلى نېمىلەر نىمىلەر قىلسام
كۆڭلى يوقنىڭ كارى يوق
ماڭا بولدى بولغۇلۇق،
كۆيسەم يارنىڭ كارى يوق.
كارى كارى كارى يوق
كۆيسەم يارنىڭ كارى يوق
كۆرگۈم كېلىپ كېلىپ تۇرسىمۇ
يۈرەك يار دەپ ئۇرۇپ تۇرسىمۇ
گەرچە بىلىپ بىلىپ تۇرسىمۇ
كۆڭلى يوقنىڭ كارى يوق
ئېھېي، جانانىم ئارتۇق ئويلىما،
مېنىڭ كۆڭلۈمدە دائىم سەنلا بار،
كۆڭلۈڭ بەك نازۇك، شۇڭا دەيسەن كارىڭ يوق يوق،
كۆڭلۈم قىلىدۇ ساڭا ئېرەن ئېتىبار
ماڭا بولدى بولغۇلۇق
كۆيسەم يارنىڭ كارى يوق
كارى كارى كارى يوق
كۆيسەم يارنىڭ كارى يوق
ماڭا بولدى بولغۇلۇق
كۆيسەم يارنىڭ كارى يوق.
كارى كارى كارى يوق
كۆيسەم يارنىڭ كارى يوق